خىتايدا ئېچىلغان ئىككى چوڭ يىغىندا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ "سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش" دېگەن يېڭى سىياسىتى ھىمايە قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خەلقئارادىكى مەتبۇئاتلاردا ئوخشىمىغان مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
"گېرمانىيە ئاۋازى" نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بۇنىڭدىن كېيىن "سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش" دېگەن سىياسىتىنى يولغا قويماقچى.
"بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىككى چوڭ يىغىنغا سۇنۇلغان 5000 دىن ئارتۇق تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، نۇرغۇنلىرى بۇنىڭدىن كېيىن مۇھاكىمە قىلىپ، قارار قىلىشقا سۇنۇلىدىغان مەسىلىلەر دەپ قالدۇرۇپ قويۇلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى جىددىي، مۇھىم ۋە سەزگۈر مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
"يېڭى ئەسىر" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى "ئىككى چوڭ يىغىن ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىنى قارار قىلمايدۇ، ئۇنىڭدا چىققان قارارنىڭ ھەممىسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتى ياكى ئاللىقاچان تەييارلاپ قويغان قارارى" دەپ كۆرسەتكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھازىر كانادادا تۇرىۋاتقان مەھەممەت توختى ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى چوڭ يىغىن ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.