رۇسىيىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرى داۋاملىق ئاشكارىلانماقتا

0:00 / 0:00

رۇسىيە فېدېرال بىخەتەرلىك ئىدارىسى 1920-يىللىرىدىن 1950-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت تېررىتورىيىسىدە ئېلىپ بارغان تازىلاش ھەرىكەتلىرى ھەمدە ۋەتەن ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ئارخىپلىرىنىڭ ئاممىغا ئېچىلغانلىقىنى، خالىغان كىشىنىڭ بۇ ئارخىپلارنى كۆرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ستالىن دەۋرىدىكى ئارخىپلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمەتلىرى تېخى ئۈنۈملۈك باشلانمىغان.

خالىغان كىشى ئارخىپلارنى كۆرەلەيدۇ

رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن 50-يىللىرىغىچە بولغان ستالىن دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلارنىڭ مەخپىيىتى بىكار قىلىنغان بولۇپ، فېدېرال ئارخىپ فوندىنىڭ باشلىقى ۋاسىلى خرىستوفوروپ "ئەگەر كىمنىڭ ھاجىتى چۈشسە، ئارخىپلارغا مۇراجەت قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق ماتېرىيال كېرەكلىكى ھەمدە قانداق مەقسەتتە ئۇنى كۆرمەكچى ئىكەنلىكى ھەققىدە خەت يازسىلا بولدى" دەيدۇ. ئۇ، ئارخىپخانا خادىملىرىنىڭ ئارخىپ تەلەپ قىلغۇچىلارغا كېرەك بولغان ، مەخپىيەتلىكى بىكار قىلىنغان ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بىراق، مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي تەرەپلىرىگە ئائىت ماتېرىياللار شۇ شەخسلەرنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ رۇخسىتى ئارقىلىقلا باشقىلارغا ئېچىلىدىكەن.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ستالىن دەۋرىگە باغلىنىشلىق ئارخىپلىرى تەخمىنەن 80 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئاساسەن دېگۈدەك يېپىق تۇرغان بولۇپ، دۆلەت مەخپىيىتى سۈپىتىدە قاتتىق قوغدالغان ئىدى. ستالىن دەۋرىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇش، كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش، 1933-1934-يىللىرىدىكى تازىلاش ۋە 1937-1938-يىللىرىدىكى خەلق دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىش، ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ ئالدى كەينىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي، سىياسىي ، ئىقتىسادىي ھەم باشقا تۈزۈلمىلىرى شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرغانلار ھەم ۋەتەن ساتقۇچلارنى جازالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ۋەقەلەرگە باغلىنىشلىقتۇر.

كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مەخپىي ئارخىپلارنى ئاشكارىلىشىنى زور ۋەقە دەپ قارىغان شۇنىڭدەك بۇنىڭ رۇسىيە جەمىيىتىنى تېخىمۇ بەكرەك ئېچىۋېتىشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئارخىپلارمۇ بار

20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى بولۇپمۇ سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان رۇس ئالىملىرىدىن بارنائۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بارمىننىڭ بايان قىلىشىچە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن 50-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى، سوۋېت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسى ۋە قوشنا ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان جازالاش ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپ، نازۇك ئارخىپلار يەنىلا مەخپىي ساقلانماقتا، ھازىر ئۇنىڭغا ئېرىشىش قىيىن.

رۇسىيە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ستالىن دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى ئارخىپخانىسى، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئارخىپخانىسى، تاشقى ئىشلار ئارخىپخانىسى ۋە ئىچكى ئىشلار ئارخىپخانىلىرىدا شۇنىڭدەك قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئارخىپخانىلىرىدا ساقلانماقتا.

1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاي دۆلەتلىك ئارخىپخانىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىنىڭ خادىملىرىنىڭ موسكۋاغا كېلىپ، ستالىن دەۋرىدىكى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار مەۋجۇت.

ستالىن دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ئارخىپلارنىڭ مۇھىملىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئازادلىق ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىشى ھەمدە موسكۋانىڭ ئىستىراتېگىيىسى ، 1937-38-يىللىرىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىق سوۋېت ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى شۇنىڭدەك ، خوجا نىياز ھاجىم ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەم ستالىننىڭ سىياسىتى، سوۋېت- شېڭشىسەي ئىش بىرلىكى، 40-يىللاردىكى ئىلى ئىنقىلابى ھەمدە ئىنقىلابنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ تەقدىرى شۇنىڭدەك موسكۋانىڭ سىياسىتى ۋە باشقىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇ بىر قاتار سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ ئارخىپلىرى مۇتلەق مەخپىي تۈسى ئالغان.

نازۇك مەسىلىلەرگە باغلىنىشلىق ئارخىپلار يەنىلا مەخپىي

رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ، رۇسىيە فېدېرال ئارخىپ فوندىنىڭ باشلىقىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، 1992-يىلى رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ ئارخىپلارنى ئاشكارىلاش ھەققىدىكى بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئارخىپلارنىڭ مەخپىيىتى قەدەم-قەدەم بىكار قىلىنغان. دېمەك بۇ قېتىم ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىلىدىن 50-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ستالىننىڭ تەقىپلەش ھەرىكەتلىرىگە ئائىت ئارخىپلارنىڭ مەخپىيىتى بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تەشۋىقات ۋە ئاغدۇرمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بىخەتەرلىك ئورگان خادىملىرى يەنى جاسۇسلارنىڭ خۇسۇسىي ئارخىپى يەنىلا مەخپىي قېلىۋېرىدىكەن، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە بۇ ئورگانلارغا تەۋە ئاگېنتلارنىڭ سوۋېتكە قارشى پائالىيەتلەرنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىگە ئائىت ئارخىپلار يوق قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇ ئەبەدىي دۆلەت مەخپىيىتى بولۇپ ساقلىنىدىكەن.

رۇسىيىنىڭ بارنائۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بارمىننىڭ ئېيتىشىچە، 1995-1997-يىللىرى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئارخىپلارغا ئېرىشىش مۇمكىن بولۇپ، ئۇ ئۆزىمۇ شۇ مەزگىلدە 40-يىللاردىكى ئىلى ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى كۆرگەن. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى " ستالىننىڭ ئالاھىدە پاپكىسى" ، : مولوتوفنىڭ ئالاھىدە پاپكىسى"، " بېرىيانىڭ ئالاھىدە پاپكىسى" دەپ ئاتالغان ئارخىپ توپلاملىرىدا ساقلىنىپ قالغان ئىدى.

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقلىرى بولۇپمۇ، چېچەن ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بىر-بىرىنى قوللاش جەھەتتە ھەمكارلىق پەيدا بولغاندىن كېيىن، 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتىگە ئائىت ئارخىپلارنى بىلىش قىيىن بولۇپ كەتكەن. چۈنكى، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلار يەنىلا بۈگۈنكى رۇسىيە-خىتاي دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە باغلىنىشلىق نازۇك ماتېرىياللار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

رۇسىيە تارىخچىسى كۇدرىياشېفنىڭ ئىنكاسلىرىغا تايانغاندا ئەڭ مۇھىم ھېسابلىنىدىغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى ۋە جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم ئارخىپلىرى تېخىچە ئېچىلمىغان. شۇڭا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەقىقىي تارىخى قىممىتى بار ماتېرىياللىرىنى تېپىش ھازىرچە قىيىن بولۇشى مۇمكىن.(ئۈمىدۋار)