سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرى ئاشكارىلاندى
2007.06.19
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 5 - ئايدا، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلاش بۇيرۇقى ئىمزالىغان ئىدى. 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، بۇ بۇيرۇقنىڭ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 'ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ موسكۋادىن خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر رۇسىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئارخىپخانىسىدا، لېنىنگراد ئارخىپخانىسىدا ۋە پىتتسبۇرگ ئارخىپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ 1941 - يىلىدىن 1945 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 4 مىليون پارچىدىن ئارتۇق (ھەربىرى تەخمىنەن 250 بەتتىن) مەخپىي ئارخىپ ھازىر خەلققە ئاشكارا.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئارخىپلاردا ستالىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تىكلىگەن 'قەھرىمانلار'نىڭ سىرى --- ستالىن ئۆزى قىرىپ تاشلاپ، كەينىدىن ئۇنى 'قەھرىمان' دەپ تەشۋىق قىلىپ ئابىدە تىلىگەن 'ۋەتەن قەھرىمانلىرى'نىڭ سىرى؛ ستالىننىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي شىمال رايونىغا ئەسكەر چىقىرىشىنىڭ سىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ستالىننىڭ جاڭ كەيشى بىلەنمۇ، يەنئەندىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەنمۇ ، ھەرخىل مەخپىي ئالاقە باغلاپ، نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنىڭ سىرى؛ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قانداق قىلىپ، توساتتىن غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ سىرى قاتارلىق سىرلار ساقلىنىپ ياتىدۇ. ھازىر سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئارخىپلىرىنىڭ ئىچىدە، پەقەت %1 نى تەشكىل قىلىدىغان ھەربىي سوت ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلاش رەسمىيىتىلا تېخىچە پۈتمىگەن.
سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرىنى تەتقىق قىلىش تارىخچىلىرىمىزنىڭ ھازىرقى مۇھىم ۋەزىپىسى
ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان تارىخشۇناس دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى مەخپىي ئارخىپلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭدىكى ئەمەلىي پاكىتلار ئاساسىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى سىرلارنى ئېچىش، قاراڭغۇلۇقلارنى يورۇتۇش، تارىخنى توغرا چۈشەندۈرۈش --- تارىخچىلىرىمىزنىڭ ھازىرقى مۇھىم ۋەزىپىسى.
سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرى تەتقىق قىلىنسا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىر قاتار سىرلار ئېچىلىدۇ
تارىخشۇناس دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى مەخپىي ئارخىپلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىر قاتار سىرلار ئېچىلىشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇلاھىزىسىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى بەزى سىرلىق مىساللارنى تىلغا ئالدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جاڭ كەيشى، يەنئەندىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا ھەرخىل ئىسسىق- سوغۇق مۇناسىۋەتلەر بولغان
تارىخشۇناس دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جاڭ كەيشى ھاكىمىيىتى، يەنئەندىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا ھەرخىل ئىسسىق ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر بولغان.
ئوتتۇرا ئاسىيا، رۇسىيىلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن ئۈمىد زور
دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى مەخپىي ئارخىپلىرىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا، رۇسىيىلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەتقىقاتتا نەتىجە قازىنىشىدىن ئۈمىد زور. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- جورج بۇش پۇتىننى مۇداپىئە سىستېمىسىدىن قورقماسلىققا دەۋەت قىلدى
- ستالىننىڭ ئوغلى قانداق ئۆلدى؟ (2)
- تارىختىكى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ ئارمىيىسىدىن ھازىرقى خىتاي تارىخچىلىرى كۈچلۈك چىقىۋاتىدۇ
- ستالىننىڭ ئوغلى قانداق ئۆلدى؟ (2)
- رۇسىيىدە تاقىرباشلار ھەرىكىتى كۈچەيمەكتە
- رۇسىيە -تۈركمەنىستان -قازاقىستان سۆھبىتى ۋە ئېنېرگىيە كۈرىشى
- رۇسىيە " ۋەتەن ئۇرۇشى"نىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى
- مىس ھەيكەلدىن تۇغۇلغان جىدەللەر: ئېستونىيە - رۇسىيە دىپلوماتىك كۈرەشلىرى
- "ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسى رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق"
- تۇرپاندىكى قەدىمىي شەھەرلەر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىماقتا
- رۇسىيە جامائەتچىلىكىنىڭ بورىس يېلتسىنگە بەرگەن باھالىرى
- سابىق رۇسىيە پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن ۋە دېموكراتىيە