ئۇيغۇرلاردا سۆيگۈنىڭ قىممىتى


2007.12.19

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن سۆيگۈ - مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى سۆيىدىغان ۋە ھەر كىشىگە شۇ سۆيگۈنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئىلغار خەلق. چۈنكى ئۇلار بىلىدۇكى، سۆيگۈ ھاياتلىقنىڭ جېنى، قەلبنىڭ زىننىتى ۋە بەختنىڭ كاپالىتىدۇر. سۆيگۈنىڭ قىممىتىنى تونۇغان ئەربابلار "دۇنيادا سۆيگۈ ئومۇملىشىدىغان بولسا، ئىنسانلار نە ئادالەتكە، نە قانۇنغا مۇھتاج بولمىغان بولاتتى" دېگەنىكەن قەدىمدە. ئۇلۇغ ئالىم جالالىدىن رۇمىي مۇنداق دېگەنىكەن: "سۆيگۈ ئاچچىقنى تاتلىققا، تۇپراقنى ئالتۇنغا، كىرنى ساپلىققا، كېسەلنى ساقلىققا، تۈرمىنى بوستانغا، غەزەپنى شەپقەتكە ئايلاندۇرىدىغان، تۆمۈرنى ئېرىتىدىغان، تاشنى يۇمشىتىدىغان، ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئابىھايات بەخش ئېتىدىغان بىر مۆجىزىدۇر."

ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سۆيگۈنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ، "ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر مۆمىن بولمىغىچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر بىرىڭلارنى سۆيمىگىچە مۆمىن بولالمايسىلەر" دەپ كۆرسەتكەن.

ۋەتەن سۆيگۈسى

ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئۇلۇغ سۆيگۈ ۋەتەن سۆيگۈسىدۇر. ھەقىقىي ياخشى كىشى ئۆز ۋەتىنىگە سادىق بولىدۇ. چۈنكى ئىنسانلىقنىڭ تەقەززاسى ۋاپادارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم ۋەتەن سۆيگۈسى ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دىدى:" ۋىجدانلىق ئىنسان ۋەتىنىنى سۆيۈشنى ئىنسانلىق بۇرچى دەپ بىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان خاراكتېرى ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشنى، ياخشىلىق قىلغاننى سۆيۈشنى تەبىئىي زۆرۈرىيەت دەپ تونۇيدۇ. دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىللىق باغرىنى ئېچىپ، ئۇنى تۈرلۈك نېمەتلىرى بىلەن كۈتۈۋالغان، ئۇنى بارچە ياخشىلىقلىرىدىن بەھرىمەن قىلغان، كۆكسى كەڭ، قوينى ئىسسىق ئاشۇ ئانا ۋەتىنىدىنمۇ سۆيۈملۈك بىرى بارمۇ؟!

ئىنسانىيەت سۆيگۈسى

مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئىنسانلارنى سۆيۈش ساماۋىي دىنلارنىڭ ھەممىسىدە بىردەك تەرغىب قىلىنىپ كەلگەن ئىلاھىي دەستۇردۇر. خۇسۇسەن ئىسلام دىنىدا ئىنسانىيەت سۆيگۈسى گۈزەل ئەخلاقلاردىن سانىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئىبادەتكە ياتىدۇ. ئىنسانلار ئىنسانلىق ئېتىبارى بىلەن ئۆز ئارا قېرىنداشلار، ئاللاھ تالاغا بەندىچىلىك ئېتىبارى بىلەن بىر بىرىگە ئورتاقلاردۇر.

ئەخلاقلىق ئادەم كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ رەڭگى، تىلى، ئىرقى، دىنى ۋە ۋەتەنلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبلىك دۈشمەنلىك مەۋقىئەسىدە بولمايدۇ. چۈنكى پۈتۈن ئىنسانلار ھەزرىتى ئادەمدىن، ئادەم تۇپراقتىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تىل، رەڭ، ئىرق پەرقلىرى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى ۋە گۈزەل سەنئەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بېرەر ئالامەتلەردۇر. "ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلىدىغان ئالامەتلەردىن بىرى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىنلەرنى ياراتقانلىقى، تىلىڭلارنىڭ، رەڭگىڭلارنىڭ ئوخشاشمىغانلىقىدۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا بىلىدىغانلار ئۈچۈن ئىبرەتلەر باردۇر" (رۇم سۈرىسى).

مۇھەممەد نىياز ھاجىم ئىنسانىيەت سۆيگۈسى ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى" ياخشى ئادەم پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ دىنىي ئايرىمچىلىقىدىن قەتئىينەزەر سۆيىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق تىلەيدۇ. ئەمما كىشىلەرنىڭ دىنىغا زىيانكەشلىك قىلغان ياكى ئۇلارنىڭ دىيارلىرىغا خىرىس قىلغان زالىملارنى سۆيمەيدۇ، ئۇلارغا قارشى تۇرىدۇ.

ئۇلاردىن باشقىلار دىن ياكى پىكىر ئايرىمچىلىقلىرى سەۋەبلىك مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۈشمەن سانالمايدۇ، بەلكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئىنسانىي قېرىنداشلاردۇر. بۇلارغا ئىنسانىي ياردەملەرنى ۋە ياخشىلىقلارنى قىلىش گۈزەل ئەخلاققا ياتىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: "كۇففارلاردىن سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن ۋە ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن توسمايدۇ." دەپ كۆرسەتكەن.

تەبىئەت سۆيگۈسى

مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، تەبىئەت ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يارىتىلغان. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئۇنى ئاسراش، ئۇنى سۆيۈش ۋە قوغداش گۈزەل ئەخلاقلاردىن سانىلىدۇ. ئەخلاقلىق ياخشى ئادەم تەبىئەتنى سۆيىدۇ ۋە ئۇنى ئاسرايدۇ. تەبىئەتنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش ئىنسانلارنىڭ تەن ساقلىقىنى ساقلىشى ئۈچۈنمۇ مۇھىم بولغان بىر ئىشتۇر.

تەبىئەتنى ئاسراشنىڭ يولى مۇھىت تازىلىقىغا رىئايە قىلىش ۋە تەبىئەتكە قارشى ئەخلاقلىق بولۇشتىن كېلىدۇ. ئەخلاقلىق ئىنسان ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يارىتىلغان بۇ تەبىئەتنى چوقۇم سۆيىدۇ. ئۇنى سۆيگەن ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۇنى ئاسرايدۇ. (توختى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.