سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي قاتارلىق كوممۇنىست دۆلەتلىرى تەرىپىدىن پرولېتارىيات داھىيسى دەپ تەرىپلەنگەن ستالىننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن پاش بولدى. بۈگۈنكى رۇسىيە خەلقى ئۇنى كوممۇنىستىك تۇزۇم ئاستىدا مىليونلىغان بىگۇناھ خەلقنى تۈرمىلەرگە تاشلىغان، قىرغىن قىلغان ھەم خانىۋەيران قىلغان ۋەھشىي دىكتاتور سۇپىتىدە تونۇدى.
رۇسىيە ۋە غەرب تارىخچىلىرى ستالىننىڭ ھاياتى ھەم ئۇنىڭ يۈرگۈزگەن ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرى ھەققىدە تۈرلۈك كىتابلارنى يازدى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ بىرى ستالىننىڭ ئوغلىنىڭ تەقدىرىگە ئائىت يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ستالىن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى بىلەنمۇ ئويناشقان
ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا 60 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئىنسانىيەت قەلبىگە چوڭقۇر ئورۇنلىشىپ كەتكەن ئۇرۇش جاراھەتلىرى ساقايغىنى يوق. بەش يىلغا سوزۇلغان بۇ ئۇرۇش جەريانىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ۋەقەلەر، سىياسىي ھىلە-نەيرەڭلەرنىڭ سىرلىرى 60 يىللار ئۆتكەندىن كېيىنكى بۇ كۈنلەردە داۋاملىق تەتقىق قىلىنماقتا.
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ، ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان ھەقىقىي سىرلار پاش بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ، ستالىننىڭ بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لىتۋا، لاتۋىيە ۋە ئېستونىيە قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەرنى بېسىۋېلىشى، فىنلاندىيىگە قارشى قوزغىغان ئۇرۇشى، ھەمدە گېرمانىيە بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش قىلماسلىق شەرتنامىسىگە بىنائەن گىتلېرنىڭ پولشانى بېسىۋېلىشىغا قاراپ تۇرۇشى شۇنىڭدەك گېرمانىيىگە قارشى جەڭ قىلىپ يېڭىلىپ، رۇسىيىگە كىرگەن 20 مىڭ ئەتراپىدىكى پولشا جەڭچى - ئوفىتسېرلىرىنى كاتىن ئورمانلىقىدا قىرىۋېتىشىدەك قىلمىشلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ۋەقەلەرنىڭ سىرلىرى پاش بولدى.
ئەلۋەتتە، ستالىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك شەخس. تارىخچىلار، ستالىننىڭ 1933-34-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى يوق قىلىش ۋە 40- يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى يەنە بىر قېتىم سىياسىي ئويۇن قارتى قىلىپ ئويناپ ، باشتا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قوللاپ ، كېيىن مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن ئۇنى قۇربان قىلىۋەتكەنلىكى، ھەتتا ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى رەھبىرى ئەلىخان تۆرىنى تۇتۇپ كەتكەن بولسا، كېيىنكى رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئەربابلارنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
بۇلارنىڭ ھەممىسى تېخى ئېچىلمىغان سىرلار بولۇپ، مەزكۇر سىياسىي پاجىئەلەرگە مۇناسىۋەتلىك سىرلىق ھۆججەتلەر ئاشكارىلانغان چاغدىلا 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي تراگېدىيىلىرىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرى پاش بولغۇسى.
ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈشلەر
2-جاھان ئۇرۇشىغا ئائىت سىرلىق تېمىلارنىڭ بىرى ستالىننىڭ ئوغلىنىڭ گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىنكى تەقدىرى مەسىلىسى بولۇپ، 60 يىلدىن بۇيان مەزكۇر نۇقتا خەلقئارا جەمىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش ۋە تارىخچىلارنىڭ تەتقىق قىلىش تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە.
بۇ مەسىلىنى ئېنىقلاشقا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كېيىنكى رۇسىيە ، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئارخىپخانىسىدا ساقلانغان ستالىننىڭ ئوغلى ياكوف جۇگاشىۋېلىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، قېچىشقا ئۇرۇنغاندا گېرمان ئەسكىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئائىت ماتېرىياللارنى ئۇنىڭ موسكۋادا ياشايدىغان قىزىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن 12 يىل ئىلگىرى ستالىننىڭ ئوغلىنىڭ ئۆلۈم سىرىنى ئېنىقلايدىغان بىر ھەربىي تەكشۈرۈش گۇرۇپپسى قۇرغان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپا ئۇزۇن يىللار ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئاخىرى بۇ دېلودىن يەكۈن چىقىرىپ، ياكوف جۇگاشىۋېلىنىڭ ئەسىرلەر لاگېرىدا ئەنگلىيىلىك ئەسىرلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئۆزىنى ئەسىرلەر لاگىرىنىڭ توك سىمىغا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
بۇ يەكۈننى گېرمانىيە تارىخچىسى ئەلەكسىن ئەپەندىمۇ قوللىغان ئىدى. لېكىن، ئەلەكسىن ئەپەندى ياكوفنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان.
ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت
ستالىننىڭ ئوغلىنىڭ ئۆلۈم سىرى ھەققىدە پەيدا بولغان ئاساسلىق كۆز قاراشلار تۆۋەندىكىچە.
1 - گىتلېر، ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان گېرمانىيە گېنېراللىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ستالىن بىلەن سودىلاشماقچى بولغاندا، ستالىننىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان ۋە ئاخىرىدا ئېتىلغان دېگەن كۆز قاراش.
2 - ياكوف جۇگاشىۋېلى دادىسىغا قارشى چىقىپ، خائىنلىق قىلغان ۋە كېيىن بەرىبىر ئۆلتۈرۈلگەن دېگەندەك كۆز قاراش.
3 - گېرمانىيە تارىخچىلىرىنىڭ ياكوف جۇگاشىۋېلى ئەسىرلەر لاگىرىدىن قاچماقچى بولغاندا، قاراۋۇللۇقتا تۇرىۋاتقان نېمىس ئەسكىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن دېگەن يەكۈن. مەزكۇر يەكۈن ئۇزۇندىن بۇيان ئاساسىي جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشىپ كەلگەن ئىدى.
4 - دادىسىنىڭ ۋەھشىلىكىدىن ئېچىنىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى دېگەن يەكۈن .
5 - ياكوف جۇگاشىۋېلىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەنلىك ۋەقەسى گېرمانلار تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ۋەقە دېگەن قاراش.
ياكوف جۇگاشېۋىلى ستالىننىڭ بىرىنچى خوتۇنىدىن يەنى گرۇزىن ئايالىدىن تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ , گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغاپ، ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن گېرمانىيە قوشۇنلىرىغا ئەسىرگە چۈشكەن . ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى 14- تانكا دىۋىزىيىسىنىڭ لېيتىنانت دەرىجىلىك ئوفىتسېرى ئىدى. دەسلەپتە، نېمىسلار ئۇنىڭ ستالىننىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن، كېيىن ئۇلار ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، يېڭى ھېكايىلار باشلانغان. (ئۈمۈدۋار)