ستالىننىڭ ئوغلى قانداق ئۆلدى؟ (2)


2007.05.21

stalinn_200.jpg
ستالىن سەبداشلىرى بىلەن بىللە. Stalin with his comrades. Photo by RFA

بۈگۈنكى رۇسىيە تارىخچىلىرى ستالىننى 20 - ئەسىردىكى دۇنياۋى مەشھۇر شەخسلەر ئىچىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق دىكتاتور تەرىقىسىدە، ئۇنىڭ ئۆز سىياسىي مەنپەئەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى، ئۇنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ زۇلمەتلىك يىللىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. تارىخچىلار يەنە ستالىننىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - 40 - يىللىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەنمۇ ئوينىشىپ، ئۇيغۇر سىياسىي پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

ئەنە شۇ مەشھۇر دىكتاتور دەپ قارىلىۋاتقان ستالىننىڭ ئوغلى ياكوف جۇگاشىۋېلى 1941 - يىلى 7 - ئايدا، يەنى سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشى پارتلاپ ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، گىتلېر قوشۇنلىرىغا ئەسىرگە چۈشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرى 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان مۇنازىرە قوزغاپ، بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلار داۋاملىق يېڭىلىنىپ كەلمەكتە.

ستالىننىڭ ئوغلى گىتلېر ئارمىيىسىنىڭ تەشۋىقات ماشىنىسىغا خىزمەت قىلمىغان

گېرمانىيە تارىخچىسى ئەلېكسىننىڭ تەكشۈرۈشلىرىدىن قارىغاندا، ياكوف جۇگاشىۋېلى ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ تەشۋىقات ئورۇنلىرى تۈرلۈك ئۇسۇل بىلەن ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ستالىنغا قارشى تەشۋىقات قىلىشقا سالماقچى بولغان، ھەتتا ئۇنىڭ گېرمانىيە ئوفىتسېرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان سۈرىتى بېسىلغان "مۇنداق داڭلىق سوۋېت ئوفىتسېرى ۋە قىزىل ئارمىيە قوماندانىنىڭ تەسلىم بولغانلىقى گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتىنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىدۇ " دېگەن خەتلەر يېزىلغان تەشۋىقات ماتېرىيالى ۋە ئۇنىڭ يەنە، دادىسى ستالىنغا ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان " دادا مېنىڭ ئەھۋالىم ياخشى، ئوبدان كۈتىۋېلىنىشقا ئېرىشتىم" دېگەن خېتى تارقىتىلغان.

گېرمانىيە ئارمىيىسى يەنە سوۋېت ئەسكەرلىرىنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەپ، " سىلەرنىڭ ئەڭ ئالىي داھىڭلارنىڭ ئوغلى تەسلىم بولدى، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز قۇربان بېرىسىلەر" دەپ يازغان تەشۋىقاتلىرىنى تارقاتقان.

بىراق، باشقا تەكشۈرۈش خۇلاسىلىرىدا گېرمانىيە ئورگانلىرىنىڭ ياكوف جۇگاشىۋېلىنى ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا قىستىغان بولسىمۇ، لېكىن نەتىجە قازىنالمىغاندىن كېيىن ئۇنى قورقۇنچلۇق ۋە ئاچارچىلىق قاپلىغان ئەسىرلەر لاگېرىغا ئەۋەتكەنلىكى كۆرستىلىدۇ.

دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەردە يەنە ياكوف جۇگاشىۋېلىنىڭ ئەسىرلەر لاگېرىدا ئىنگلىزلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەكۈندە ئېيتىلىشىچە، ياكوف جۇگاشىۋېلى تۇرغان ئەسىرلەر لاگېرىدا دائىم ئەنگىلىيە ئەسىرلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسىرلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش بولۇپ تۇرغان.

رۇسلار ئەنگلىيىلىكلەرنى نېمىسلارنىڭ ئالدىدا دىققەتتە تۇردى دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارنى "توخۇ يۈرەكلەر" دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن بىر كۈنى ياكوف جىگاشىۋېلى تۆت ئەنگىلىيە ئوفىتسېرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان.

ئۆلۈشتىن بىر كۈن ئىلگىرى ئۇ يەنە بىر ئەنگىلىيە ئوفىتسېرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قىلغان، مانا مۇشۇنداق تۈرلۈك ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئازابلىنىش ۋە ئۈمىدسىزلىنىش ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ستالىن ئوغلىنى گېرمانىيە گېنېرالى بىلەن تېگىشىشنى رەت قىلغان

1943 - يىلى، ستالىنگراد ئۇرۇشىدا نېمىسلار مەغلۇپ بولۇپ، گېرمانىيە گېنېرالى پاۋلىئۇس 90 مىڭ ئەسكىرى بىلەن سوۋېت ئارمىيىسىگە تەسلىم بولغاندا گىتلېر گېنېرال پاۋلىئۇسنى ستالىننىڭ ئوغلى بىلەن تېگىشىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما، ستالىن گىتلېرگە " مەن گېنېرالنى بىر ئەسكەرگە تېگىشمەيمەن" دېگەن جاۋابنى بېرىپ، رەت قىلغاندىن كېيىن گېرمانىيە تەرەپ بۇ خەۋەرنى ياكوف جۇگاشىۋېلىغا يەتكۈزگەن، دادىسىنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرمىغانلىق خەۋىرى ئۇنىڭغا ئۈمىدسىزلىك ئېلىپ كەلگەن ھەم زور زەربە بولغان.

ئۇنىڭ بىلەن بىر لاگېرىدا ياتقانلار ئۇنىڭ ئۆز كېلەچىكىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ، دائىم تاماق يېيىشنى رەت قىلغانلىقىدىن گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇرۇش مەزگىلىدە يەنە ستالىن " ئۇرۇش ئەسىرلىرى بولمايدۇ، پەقەت خائىنلارلا بولىدۇ" دېگەن سۆزىنى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي خادىملىرىنى ۋەتەن خائىنلىرى كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزگەن، نەتىجىدە ئەسىرلەر لاگېرلىرىدىن قېچىپ كەلگەن نۇرغۇنلىغان سوۋېت جەڭچى - ئوفىتسېرلىرى سوۋېت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن "ساتقىن"، " خائىن"، " فاشىستلارنىڭ جاسۇسلىرى" دېگەندەك بەتناملار بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ۋە ياكى جازالاش ئەترەتلىرىگە ئەۋەتىلگەن. بۇ خەۋەر ستالىننىڭ ئوغلى ياكوف جۇگاشىۋېلىغا تەسىر قىلماي قالمىغان.

ئومۇمەن، ستالىن ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنىڭ ھاياتىدىن ۋاز كەچكەن

ئەڭ يېڭى يەكۈن- ياكوف جۇگاشىۋېلى كاتېن قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئولتۇرۇۋالغان.

تارىخچى ئەلېكسىن يېقىندا ئۆزىنىڭ ستالىننىڭ ئوغلىنىڭ ئۆلۈم سىرى ھەققىدىكى ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئېرىشكەن ئەڭ يېڭى نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان يەكۈنلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى.

تارىخچى ئەلېكسىن، ستالىننىڭ ئوغلى ياكوف جۇگاشىۋېلىنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى، ئەمما، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ بۇرۇن ئېيتىلغاندىن باشقىچە ئىكەنلىكىنى يەنى ياكوفنىڭ دادىسى ستالىننىڭ پولەكلەرگە يۈزسىزلىق قىلىپ، ئۇلارنى كاتېن ئورمانلىقىدا قىرغىن قىلغانلىقىغا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ياكوف جۇگاشىۋېلى ئەسىرلەر لاگېرىدا كۆپلىگەن پولشالىق ئەسىرلەر بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلار بىلەن دوست بولغان. ھەتتا، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىككى قېتىم لاگېردىن قېچىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن مەغلۇپ بولغان. ئۇ، 1943 - يىلى گېرمانىيە گېزىتلىرىدىن ستالىننىڭ 1940 - يىلى كاتېن ئورمانلىقىدا 20 مىڭغا يېقىن پولشا جەڭچى - ئوفىتسېرىنى قىرغىن قىلغانلىقىنى بىلگەن. نەتىجىدە، ياكوف جۇگاشىۋېلى دادىسى ستالىننىڭ بۇ رەزىل قىلمىشىدىن ئېچىنىپ، ساراڭ بولۇش دەرىجىسىگە يەتكەن ھەمدە ئاخىرىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش يولىنى تاللىغان.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.