ستالىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قاسسىپى

0:00 / 0:00
stalinn_200.jpg
ستالىن ۋە ئۇنىڭ گېنېراللىرى. AFP Photo

خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىپ كېتىش مەسىلىسى بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەم مۇنازىرە قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن خىتايلارنىڭ رۇسىيە تۇپراقلىرىغا كەڭ كۆلەمدە كىرىپ ماكانلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىلغان بولۇپ، يېقىنقى ئون نەچچە يىل ئىچىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئايىغى تەگمىگەن جايلار ئاز قالغان.

نۆۋەتتە، رۇسىيىدە زادى قانچىلىك خىتاي بارلىقى ئېنىق ئەمەس، بىراق، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇلارنىڭ سانىنىڭ 200 مىڭدىن بىر قانچە مىليونغىچە ئىكەنلىكى ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ جايلىرىنىڭ موسكۋا، سانكتپېتېربۇرگ قاتارلىق شەھەرلەردىن باشقا ئاساسلىقى يىراق شەرق ئىكەنلىكى يېزىلماقتا. رۇسىيە ئانالىزچىلىرى ھەتتا خىتايلارنىڭ مۇنداق تېز سۈرەتتە كۆپىيىشى بىلەن يېقىن كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ رۇسىيىدىكى ئاساسلىق مىللەتكە ئايلىنىپ، قانۇنلۇق پۇقرالىق ھوقۇق سالاھىيىتى بىلەن موسكۋادىن سىياسىي ھوقۇق دەۋا قىلىشى مۇمكىنچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

يەنە بەزى رۇس ئاپتورلىرى بولسا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مۇنداق كۆپىيىپ كېتىشى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىراق شەرق ۋە سىبىرىيىدىكى رۇسىيە ئاھالىلارنىڭ ئازلىشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن كەلگۈسىدە خىتاينىڭ رۇسىيىگە خەتەر ئېلىپ كېلىشىنى ئاساس قىلغان " خىتاي تەھدىتى" نەزەرىيىسىنى تەكىتلەپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى رۇسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش ھەم ئۇلارنىڭ كىرىپ -چىقىشىنى قاتتىق كونترول قىلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاي كۆچمەنلىرىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتقان؟

خىتاي كۆچمەنلىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، چار رۇسىيىنىڭ ۋلادىۋوستوك، خاباروۋسك قاتارلىق يىراق شەرقتىكى چوڭ كىچىك شەھەرلىرىگە بېرىپ، ئىشچىلىق ۋە تىجارەت قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، رۇسىيە تارىخچىسى ئارسېنىي پېتروۋىچ كىرېپسكىينىڭ يېزىشىچە، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ گراژدانلار ئۇرۇشىغىچە بولغان مەزگىلدە رۇسىيىدە 400 مىڭ ئەتراپىدا خىتاي پۇقراسى ياشىغان. ۋلادىۋوستوك خىتاي كۆچمەنلىرى ئەڭ كۆپ شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەردە 50 مىڭ ئەتراپىدا خىتاي پۇقراسى تىرىكچىلىك قىلغان ھەتتا شەھەردە خىتاي مەھەللىلىرى بولغان ئىكەن. خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسى رۇسىيە تۇپراقلىرىدىكى رۇس بايلىرى ۋە كېيىنكى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ زاۋۇت -فابرىكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ئەمگەك ئورۇنلىرىدا قارا ئىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار " خىتاي ئىشچىلىرى" دەپ ئاتالغان.

تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە زور ساندىكى خىتايلار ھەر يىلى باھاردا رۇسىيە تەرەپكە بېرىپ، يېزىچە ئىشلەپ، پۇل تاپقاندىن كېيىن قىشتا قايتىپ كېلىپ تۇرغان. يىراق شەرقتىكى رۇسىيە كوممۇنىست ھاكىمىيىتى گراژدانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىشچى خىتايلار ئارىسىدىن كوممۇنىستلارنى تەربىيىلەپ، ئۇلاردىن بىر خىتاي قىزىل ئارمىيە پولكى تەسىس قىلىپ، ئاقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلارغا سالغان. لېكىن، 1931-يىلى ياپونىيە مانجۇرىيىنى ئىگىلەپ، مانجۇرىيە دۆلىتىنى قۇرغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز چېگرىلىرىنى قاتتىق قوغدىغان ھەمدە خىتاي كۆچمەنلىرىگە نىسبەتەن نازارەتنى كۈچەيتكەن بولۇپ، چۈنكى ياپونىيە دائىرىلىرى خىتايلار ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئىشپىيونلارنى تەربىيىلەپ، ئاغدۇرمىچىلىق ۋە ئاخبارات توپلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى.

ستالىن خىتايلارنى كەڭ-كۆلەمدە تازىلىدى

1937-يىلى ، ياپونىيە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىياغا قاراتقان ئومۇمىي يۈزلۈك ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىدى. بۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيىنىڭ يىراق شەرق ۋە سىبىرىيە رايونىغا ھۇجۇم قوزغىشىدىن ئەندىشە قىلدى. ستالىن يىراق شەرقتىكى خىتايلارنىڭ ياپونلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن خىتايلارغا قارىتا ئومۇمىي يۈزلۈك تازىلاش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ باردى.

يىراق شەرقتىكى كورىيىلىكلەرنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈرگەن بولسا، خىتايلارنى " ياپونىيە ئىشپىيونى"، " خەلق دۈشمىنى"، "خەتەرلىك ئۇنسۇر"، "ۋەھاكازا" دېگەندەك تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى، سىبىرىيە ئورمانلىقلىرىغا سۈرگۈن قىلدى، تۈرمىلەرگە تاشلىدى ۋە ئۆلتۈردى. ئەلۋەتتە، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلگەن كۆپلىگەن خىتاي ئاھالىلىرى تۈركۈملەپ، مانجۇرىيىگە قېچىپ كېلىۋالدى.

دېمەك، 1937-1938-يىللىرىغا كەلگەندە رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدىكى بارلىق خىتايلار تازىلىنىپ، ئەسلىدىكى ئۈچ-تۆت يۈز مىڭ خىتاي پۇقراسىنىڭ ئىزىمۇ قالمىدى. ھەتتا يىراق شەرقتىلا ئەمەس ، بەلكى موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەردىكى خىتايلارمۇ تازىلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان بولۇپ، ئەنە شۇ ستالىننىڭ تازىلىشىدىن كېيىن، خىتاي مىللىتى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىپ، تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگىچە بولغان ئارىلىقتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مىللەتلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالالمىدى. قىسقىسى، خىتاي مىللىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئاز سانلىق مىللىتى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنمىدى.

خىتايلارنىڭ سىبىرىيىدە ماكانلىشىشىنى خىتاي رەھبەرلىرى ئەزەلدىنلا ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، رۇسىيە تارىخچىسى سېرگېي لۇنېيېۋنىڭ يېزىشىچە، ھەتتا ماۋ زېدۇڭ 1954-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سۆزلىشىپ، 10 مىليون خىتاينى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياردەمگە بېرىۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، موسكۋا رەھبەرلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.

60-80-يىللاردا سوۋېت -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يىرىك مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ئاز ساندىكى خىتايلار ئوخشاشلا "گۇمانلىق ئادەملەر" ۋە ياكى " خىتاينىڭ جاسۇسلىرى" تەرىقىسىدە قارالغان بولۇپ، ھەتتا بەزى ماتېرىياللاردا مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە خىتايدىن قېچىپ ئۆتكەنلىرىمۇ "گۇمانلىق ئۇنسۇر" تەرىقىسىدە قارىلىپ، سىبىرىيىدىكى لاگىرلارغا سولاپ قويۇلغان .(ئۈمىدۋار)