
پرېزىدېنت بۇش چارشەنبە كۈنى كەچتە سۆزلىگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى نۇتۇقىدا، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى 4 - يىلدىكى ئىچكى - تاشقى سىياسىتىنى شەرھىلىدى. پرېزىدېنت بۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىسلاھاتى قاتارلىق ئىچكى مەسىلىلەر ھەققىدە كۆپرەك توختالدى. ئامما ئۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ نېگىزى " ئەركىنلىك" ۋە " ئازادلىق" بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكا پرېئىزدېنتى نۇتۇقىدا " ئەركىنلىك" نى 21 قېتىم، " ئازادلىق" نى 7 قېتىم تىلغا ئالغان.
2 - قارار پرېزىدېنتلىققا خەلق سايلىمى ئارقىلىق سايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن جورجى بۇش، بۇ ئىمتىياز سايلام ئارقىلىق ھوقۇق تۇتقان كىشىلەرگە ئورتاقلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىز خەلق سايلىمى ئارقىلىق ھوقۇققا ئېرىشتۇق. ھازىر بىز بۇ ئىمتىيازغا ئافغانىستان، پەلەستىن زېمىنى، ئۇكرائىنىيە شۇنداقلا ئەركىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئىراقتىكى يېڭى سايلانغان رەھبەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىمىز."
پرېزىدېنت بۇش، مەقسىدىمىز "ئازاتلىقنى ئامېرىكىدا شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادا قانات يايدۇرۇش،" دەپ كۆرسەتتى. پرېزىدېنت بۇش، " نىشانىمىز ھۆكۈمەتلەر پۇقرالىرىغا جاۋاب بېرەلەيدىغان، ئۆز مەدەنىيىتىگە سادىق ئەركىن جەمئىيەت، مۇستەقىل دۆلەتلەرنى بەرپا قىلىش ۋە كېڭەيتىش. چۈنكى، دېموكراتىيە ئۆز خەلقىغە شۇنداقلا خوشنىلىرىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئەركىنلىكنى يېتەكچى قىلغاندا تىنچلىققا يېتەكلەيدۇ." دەپ ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا سىياسى تۈزۈلمىسىنى باشقىلارغا تاڭمايدۇ
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ سىياسى تۈزۈلمىمىزنى باشقىلارغا تېڭىش ھوقۇقى ، مۇددىئاسى ياكى بۇنداق بىر ئارزۇسى يوق. بۇ، بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىز بىلەن بولغان تۈپكى پەرقىمىز.
جورجى بۇش، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە دۇنيادىكى دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئاخىرقى نىشانىمىز ئىستىبداتلىققا خاتىمە بېرىش، دەپ سۆزلىدى. ئامېرىكا سىياسى تۈزۈلمىسىنى باشقىلارغا تېڭىش نىيىتى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن بۇش، "بۇ بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىز بىلەن بولغان تۈپكى پەرقىمىز" دىدى. بۇش يەنە "ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ سىياسى تۈزۈلمىمىزنى باشقىلارغا تېڭىش ھوقۇقى ، مۇددىئاسى ياكى بۇنداق بىر ئارزۇسى يوق. بۇ، بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىز بىلەن بولغان تۈپكى پەرقىمىز."
دېموكراتىيە دۈشمەنلىرىنىڭ ئىستىبداتلىقنى ئومۇملاشتۇرۇش پېشىدە يۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن جورجى بۇش، " ئىستىبداتلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كېڭەيتىش يولىدىكى ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمرانلىق قۇرۇۋالغان بۇ بىر قىسىم ۋەھشىلەر، كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەممە تەرىپىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇندى." دەپ سۆزلىدى.
بۇش سۈرىيىنى ئاگاھلاندۇردى
بۇش، ئىراقتىكى سايلام ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئىراقتىكى ئەركىنلىكنىڭ غەلىبىسى تېررورچىلىققا قارشى ئىتتىپاقنى كۈچەيتتى. دەمەشقتىن تېھرانغىچە دېموكراتىك ئىسلاھاتچىلارغا ئىلھام بېرىپ، توقۇنۇش ئىچىدىكى رايونغا تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد ۋە ئىلگىرىلەش ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بالىلىرىمىز ۋە نەۋرىلىرىمىزنىڭ ھاياتىغا كېلىدىغان تەھدىتنى يوقاتتى."
تېرورچىلارنى قاغداۋاتقان شۇنداقلا قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى ياساۋاتقان دۆلەتلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن جورجى بۇش، سۈرىيىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ، " سۈرىيە ئۆز تېررىتورىيىسىدە شۇنداقلا لىۋاننىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا تېرورچىلارنىڭ پائالىيىتىگە يول قويماقتا." دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ئىران خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ھەرىكىتىنى قوللايدۇ
مەقسىدىمىز ئازاتلىقنى ئامېرىكىدا شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادا قانات يايدۇرۇش.
ئىران ھەققىدە تۇتۇلۇپ، ئىران دۇنيادىكى ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، تېررورچىلىقنى قوللاۋاتقان، قىرغىنچىلىق خاراكتىرلىك قوراللارغا ئېرىشىش پېشىدە يۈرگەن دۆلەت، دەپ ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر ئىران خەلقى ئەركىنلىكى ئۈچۈن دەس تۇرسا، بىز ئۇلار تەرەپتە تۇرىمىز."
ھۆكۈمەتلەر بىلەن قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى چەكلەش مەسىلىسى بويىچە ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇش، شىمالى كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " بىز ئاسىيادىكى ھۆكۈمەتلەر بىلەن شىمالى كورىيىنى يادرو قوراللارغا ئېرىشىش نىيىتىدىن ۋاز كەچۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز."
پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە تىنچلىق نىشانىغا يېتىشكە ئاز قالدى
پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ پەلەستىندىكى سىياسى، ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك ئىسلاھاتى ئۈچۈن 350 مىليون دوللار ئاجرىتىشىنى تەلەپ قىلدى. پرېزىدېنت بۇش، پەلەستىن زىمىنىدىكى ئىسلاھات ۋە دىموكراتىيە قەدىمى زوراۋانلىق ئادىتىنىڭ يىمىرىلغانلىقىنى ۋە مەغلۇبىيىتىنى كۆرسەتتى، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىندىن ئىبارەت ئىككى دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ئۆز - ئارا تىنچلىق ئىچىدە ياشاش نىشانىغا يېتىشىگە ئاز قالدى. ئامېرىكا ئۇلارنىڭ بۇ نىشانغا يېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ."
ئەركىنلىك ئارزۇسى ھامىنى بىر كۈنى ئەمەلگە ئاشىدۇ
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى نۇتۇقىدا، كوممۇنىزم يوقۇلۇشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنى بىر چۈش، دەپ قارىغانلىقىنى، ياۋروپادا فاشىزىم يوقۇلۇشتىن ئىلگىرى بۇنىڭ كىشىلەر تەسەۋۋۇرىدىن يىراق مەسىلە، دەپ قارالغانلىقىنى تەكىتلىگەن پرېزىدېنت بۇش، "كىشىلەرنىڭ بۈگۈنكى ئارزۇسى تېررورچىلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئەركىنلىك يولىغا مېڭىش. بۇ ئارزۇ كوممۇنىزم شۇنداقلا فاشىزىمنىڭ ھالاكىتى رىياللىققا ئايلانغاندەك ھامىنى بىر كۈنى ئەمەلگە ئاشىدۇ." دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)