
پرېزىدېنت جورجى بۇش سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قوشما شتاتلارنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى- تاشقى ۋەزىيىتى ۋە سىياسىتىنى شەرھىلىدى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن - مۇددەتلىك پىلانى " دۇنيارىمىزدا مۇستەبىتلىككە" خاتىمە بېرىش، دەپ كۆرسەتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە " ئەركىنلىك يولىدا ئىلگىرىلەش دەۋرىمىزدىكى ئۇلۇغ داستان" دېدى.
ئۇ، "2006- يىلى باشلانغان بىر چاغدا دۇنيا خەلقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتىدۇ. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز سۈرىيە، بېرما، زىمبابۇۋى، شىمالىي كورىيە ۋە ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەردە ياشايدىغان، خەلقنىڭ قالغان يېرىمىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى ئادالەتكە بولغان تەلەپلەر ۋە دۇنيا تىنچلىقى ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى زۆرۈر قىلماقتا"، دەيدۇ.
ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى
بۇش 2002 - يىلى سۆزلىگەن دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدىكى نۇتىقىدا، شىمالىي كورىيە، ئىران ۋە ئىراقلارنى بىئولوگىيىلىك، خىمىيىلىك ۋە يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇش پېشىدىكى "قەبىھ كۈچلەر " دەپ ئاتىغان ئىدى. "قەبىھ كۈچلەر" قاتارىدىكى ئىراق 2003 - يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلدى. ئەمما ئۇنىڭ بىئو-خىمىيىلىك قوراللارغا ئىگە ئەمەسلىكى ئاشكارىلاندى. پرېزىدېنت بۇش سەيشەنبە كۈنكى نۇتۇقىدا شىمالىي كورىيىنى تەنقىد قىلىش تونىنى پەسەيتىپ، ئىران بىلەن پەلەستىن رادىكال ئىسلام ھەرىكىتى خاماسنى ئاگاھلاندۇرۇش تونىنى يۈكسەلتتى.
بۇش، ئىراننى " گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئاز ساندىكى موللىلار تەبىقىسى خەلقىنى يالغۇزلۇق ۋە بېسىم ئاستىدا تۇتماقتا " دەيدۇ. بۇش، ئىراننى پەلەستىن ۋە لىۋاندا تېررورچىلارنى قوللاش ۋە يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ، " ئىران ھۆكۈمىتى يادرو قوراللارغا ئېرىشىش ئارزۇسىدا دۇنيا بىلەن تىركەشمەكتە. ئەمما دۇنيا دۆلەتلىرى ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇشىغا يول قويماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا بۇ تەھدىتكە خاتىمە بېرىش يولىدا دۇنيانى داۋاملىق سەپەرۋەر قىلىدۇ " دېدى.
دېموكراتىيىلەشتۈرۈش كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇش
پەلەستىن مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا بۇش، "نۆۋەتتە خاماس رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىشى، قورال تاشلاپ تېررورلۇقنى رەت قىلىشى، ئۇزۇن - مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك " دەيدۇ. پرېزىدېنت بۇشنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا دۇنياغا دېموكراتىيىنى تارقىتىش يولىدا كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. ئۇ، " ئامېرىكا ئېزىلگەن خەلقلەرنى ئازات قىلىش ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىخي چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
بىراق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىچە، پرېزىدېنت بۇش نۇتۇقىنىڭ بۇ قىسىمىدا مەسىلىنى ئومۇميۈزلۈك تىلغا ئالغان بولۇپ، نىشانىنى كونكرېت بىر دۆلەتكە قاراتمىغان. شۇڭا بۇ خىتايغا ئوخشاش دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بار بەزى دۆلەتلەرنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىماسلىقى مۇمكىن.
بۇش، دېموكراتىيىنى رەت قىلغان دۆلەتلەرنى تىلغا ئالغاندا شىمالىي كورىيىنى بىرلا قېتىم ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ، شىمالىي كورىيە بىلەن بولغان يادرو قوراللار مەسىلىسىدىكى تالاش - تارتىشنىڭ تەپسىلى دىتاللىرىنى تىلغا ئالمىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ شىمالىي كورىيە بىلەن يادرو قوراللار سۆھبىتى باسقۇچىدا پيوڭياڭنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ئۆزىنى قاچىرغان بولۇشى مۇمكىن.
ئىقتىساد مەسىلىسى
بۇشنىڭ خىتاي مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا قىلغان سۆزلىرى نىسبەتەن مۆتىدىل بولۇپ، بۇش ھۆكۈمىتى خىتاينى ئادالەتسىز سودا رىقابىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىسىمۇ، ئەمما ئۇ نۇتۇقىدا ئامېرىكىلىقلارنى بېيجىڭنى تەنقىد قىلىش ئورنىغا رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى. ئۇ، خىتاينى ئامېرىكىنىڭ "يېڭى رىقابەتچىسى" دەپ ئاتىغان. بۇش مۇنداق دەيدۇ: ئامېرىكا ئىقتىسادى يەنىلا كۈچلۈك، بىراق بىز مەغرۇرلانماسلىقىمىز كېرەك. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ دىنامىكىسىدا خىتاي ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش رىقابەتچىلەرنى نەزەردە تۇتۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ ". بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي، ئىقتىسادىمىزنىڭ تېز تەرەققىياتى دۇنيا بازىرىنى مەنپەئەتدار قىلىۋاتىدۇ، دەپ قاراش بىلەن بىرگە، ئۆزىنى دۇنيا سودا ساھەسىنىڭ ھەمكارلاشقۇچى ئەزاسى، دەپ كۆرسەتسىمۇ، بىراق ئامېرىكا خىتاي ماللىرىنىڭ يامراپ كېتىشى ۋە خىتاي توقۇلما بويۇملىرىنىڭ ئامېرىكىغا سەلدەك ئېقىپ كىرىشىدىن نارازى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېيجىڭ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق سودا شېرىكلىرىنىڭ خەلق پۇلىنى قىممەتلەشتۈرۈش جەھەتتىكى بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە ئىدى. ئەمما پرېزىدېنت بۇش بۇ مەسىلىلەرنى تىلغا ئالمىدى.
ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈش
بۇش، ئىراقنى تىلغا ئالغاندا قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدىۋىلى ئېلان قىلىشنى رەت قىلدى. "غەلىبە قازىنىشقا ئىشەنچلىك پىلانىمىز بار " دەپ تەكىتلىگەن بۇشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قوشۇن چېكىندۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسەتچىلەر ئەمەس، ھەربىيلەر قارار قىلىشى كېرەك. بۇش "بىز قوشۇن چېكىندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىمىز، ئەمما بۇ قارارنى ۋاشىنگتوندىكى سىياسەتچىلەر ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ھەربى قوماندانلىرىمىز چىقىرىشى كېرەك " دەيدۇ.
بۇش، نېفىت ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىشقا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ نېفىتىگە تايىنىشنى ئازايتىمىز، دېدى. بۇشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا 2025 - يىلغىچە ئوتتۇرا شەرق نېفىتىگە تايىنىشنى 75 % ئازايتىدىكەن. (ئەركىن)