ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-11-18
چەتئەللەردە ياشاۋاتقان 600 گە يېقىن تىبەت ۋەكىلىنىڭ، ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىگە يىغىلىپ ئۆتكۈزۈۋاتقان ئالاھىدە قۇرۇلتىيى داۋاملاشماقتا، تىبەتلەرنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىن كېيىنكى يۆنۈلۈشىدە ئۆزگىرىش مەيدانغا كېلەمدۇ ؟
2008-11-18
شۋېتسىيە خەلقئارا كىتابخانىسىغا 250 تىلدا نەشر قىلىنغان بالىلار كىتابلىرى قويۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە كىتابلار يوق ئىكەن. بۇنىڭدىن ئەپسۇسلانغان شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئويۇشمىسى، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمزاسىنى يىغىپ، ئۇيغۇرچە كىتابلارنىمۇ بۇ كىتابخانىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ كىتابخانا رەھبەرلىرىگە ئىلتىماس سۇنغان.
2008-11-18
ھەر بىر مىللەتنىڭ مېيىتنى دەپنە قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە نەزىر - چىراغلىرى ئۆزگىچە بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ دەپنە مۇراسىملىرى ۋە نەزىر ئىشلىرى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ.
2008-11-17
15 - نويابىر كۈنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، خىتاي، ھىندىستان، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ھىندونېزىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا - ياۋروپا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىن كەلگەن 20 دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جەم بولۇپ، خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىسى بويىچە يىغىن چاقىردى.
2008-11-17
خىتاي ھۆكۈمىتى داۋراڭ سېلىپ 'خىيانەت قىلغان پۇللارنى يۆتكەپ چەتئەللەرگە قېچىپ كەتتى' دەۋاتقان كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى ھازىر 20 مىڭدىن ئاشتى.
2008-11-17
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىبەت ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر قانچە يۈز ۋەكىلى دۈشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىغا توپلىنىپ، تىبەت مەسىلىسىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي قۇرۇلتىيىنى باشلىدى.
2008-11-17
خىتاينىڭ بىر قانچە جايلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئىش تاشلاش مەسىلىسى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ خىتايدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشچىلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە ھوقۇقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەشكىلات بولماستىن بەلكى دۆلەت ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سىياسى قۇرۇلمىنىڭ بىر تارمىقى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
2008-11-17
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ، 1933 - يىلى 12 - نويابىر كۈنى قەشقەردە ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن 1944 - يىلى 12 - نويابىر كۈنى غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
2008-11-17
15 - نويابىر كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى يەنە بىر قېتىم داغدۇغىلىق خاتىرىلەندى.
2008-11-17
غۇلجا شەھىرىدىكى سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسىدا بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى كۈتۈپ ياتقان ئارزۇگۈل تۇرسۇن يەكشەنبە كۈنى كەچتە يەنە بىر قېتىم باتۇرلۇق كۆرسەتتى.
2008-11-14
كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ھەققىدە بىر ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى.
2008-11-14
كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان تودد ھوففماننىڭ "ئىچكى قىسىمدىكى جاسۇس - لاررىي چىن ۋە خىتاي جاسۇسىنىڭ ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىغا سىڭىپ كىرىشى" ناملىق كىتابى سېنتەبىر ئېيىدا نەشر قىلىندى.
2008-11-14
ئۇيغۇرلار چەتئەلدە كىنو ئىشلەشكە باشلىدى. گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھرىدە ياشاۋاتقان ياش ھەۋەسكار رېجىسسورى ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى ئىشلىگەن `جۇدالىق` ناملىق ھېكايە فىلىم رەسمى بازارغا سېلىنغان.
2008-11-14
دەل مۇشۇ مىنۇتلاردا، غۇلجا سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسىنىڭ مۇزدەك كارىۋىتىدا، ئارزۇگۈل ئالتە ئايدىن ئاشقان ھامىلىسىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاخىرقى ھۆكۈمىنى ئەنسىزلىك ئىچىدە كۈتۈپ ياتماقتا .
2008-11-14
ئامېرىكىدىكى مەشھۇر خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىنىڭ بىرى، لاۋگەي تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى خاررىي ۋۇ ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە لاۋگەي مۇزېيى قۇرۇپ، چارشەنبە كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.