ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-05-28
مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇ ياشىغان دەۋر ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھرىدە رەسمى باشلاندى. بۇ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق 15 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 75 ئەتراپىدا بىلىم ئادىمى قاتناشتى.
2008-05-28
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مائارىپى بىلەن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ئارىسىدا بىرقەدەر روشەن پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ، مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مائارىپى ساغلام تەرەققىي قىلماقتا ئىكەن.
2008-05-28
مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرە قىلىنىدىغان 34 - نۆۋەتلىك شىمالىي ئامېرىكا مۇسۇلمانلار مۇھاكىمە يىغىنى ئالدىنقى كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
2008-05-27
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن يەنى 27 - ماي كۈنى 2007 - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، خىتاي، رۇسىيە، بېرما، سۇدان، زىمبابۇۋى ۋە شىمالىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى تەنقىد قىلىندى.
2008-05-27
بۈگۈن خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى10 - ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدا پارتلاتقۇچ دورا ۋە قورال يىغىۋېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
2008-05-27
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ 3-بېكىتى بولغان گىرەسۇن ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقنىڭ زور قىزىقىشىغا ئېرىشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 24- ۋە 25-ماي كۈنلىرى سىۋاس ۋە ترابزون ۋىلايەتلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 5-ئاينىڭ 26-كۈنى تۈركىيىنىڭ شەرقىي قارادېڭىز رايونىغا جايلاشقان گىرەسۇن ۋىلايىتىگە يېتىپ كەلگەن.
2008-05-27
توختىنىياز باتۇرنىڭ كىملىكى ئۇيغۇر ئىلىدىكى كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئانچە تونۇش بولمىسا كېرەك. لېكىن ئۇ قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر پۇقرالىرى ئارىسىدا باتۇرلۇقنىڭ، زۇلۇمغا قارشى جەڭگىۋارلىقنىڭ سىمۋولى بولغان بىر ئىسىم.
2008-05-27
يەنە بىر كۈندىن كېيىن، 1962 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن 29 - ماي ۋەقەسىگە توپتوغرا 46 يىل بولىدۇ. 29 - ماي ۋەقەسى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى كىشىلەر ئۇنتۇپ كېتىشكە باشلىغان زور ۋەقەلەرنىڭ يەنە بىرىدۇر.
2008-05-27
سۆزلەشتىن ئىبارەت بۇ نېمەت ئىنسانلارغا بېرىلگەن ئەڭ كاتتا ئىنئاملارنىڭ بىرىدۇر. سۆزلەشتىن ئىبارەت بۇ نېمەتتىن قانداق پايدىلىنىش، كۈنىگە توختىماي ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان بۇ تىلنى قانداق قىلىپ ياخشى يولغا ئىشلىتىش ھەركىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىش. گەپ - سۆز شۇ ئادەمنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە خاراكتېرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
2008-05-26
ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارى ئامېرىكا تاشقى ئىشلارمىنىستىرى كوندالىزا رايىسنىڭ بۇ يىل 2 - ئايدىكى بېيجىڭ سەپىرىدە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرى ياڭ جيېچى رايىسنىڭ شۇ قېتىمقى زىيارىتىدە سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
2008-05-26
سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، يېڭى مۇستەقىل بولغان بىر قىسىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى 70 يىللىق سوۋېت تۈزۈمىگە ھەمدە بۇ تۈزۈم تەرىپىدىن قارىلانغان ھەم جازالانغان تارىخىي شەخسلەر، تارىخىي - سىياسىي ۋەقەلەر ۋە باشقىلارغا يېڭىۋاشتىن باھا بېرىش شۇنىڭدەك تارىخىي شەخسلەرنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىمۇ بار. بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان 20 - ئەسىردىكى مەشھۇر شەخسلەردىن بىرى مۇستاپا چوقاينىڭ نامىنى ئۇلۇغلىماقتا.
2008-05-26
تىبەت دىنىي داھىيسى دالاي لاما بۇ يىل 24 - ماي كۈنى، ئەنگلىيىدە چىقىدىغان Guardian يەنى مۇھاپىزەت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. زىيارەت داۋامىدا ئۇ، خىتاينىڭ ئولىمپىكتىن كېيىن، تىبەتكە بىر مىليون نوپۇس يۆتكەشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلىيلەشسە، تىبەتتە ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2008-05-26
ئاۋسترالىيىدە تۇرۇۋاتقان ھۈسەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈنۈگۈن ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق بالىلار سەنئەت كېچىلىكىدە بالىلار ئۈچۈن ئىئانە توپلانغان، توپلانغان ئىئانە پۈتۈنلەي مەكتەپلەرگە تەقدىم قىلىنغان.
2008-05-26
يەكشەنبە كۈنى، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە "چەتئەلدە ئاياللار دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقلىرى" ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2008-05-26
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بۇرۇندىن تارتىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە ھەر خىل يوللار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. بۇ مەقسەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تۈركىيىنىڭ سىۋاس تىرابزون ۋە گىرەسۇن ۋىلايەتلىرىدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتماقتا.