ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-05-15
ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۇلزارىدا يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان ئايگۈل ئابلەت خانىمنىڭ `سەھرا قىزى` ناملىق شېئىرلار توپلىمى 2008 - يىلى مارت ئېيىدا تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
2008-05-14
سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ھەققىدە بۈگۈن تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ۋال ستىرىت ژۇرنىلى، تەبىئىي ئاپەتنىڭ سىچۈەندە بايلارغا ئەمەس نامراتلارغا ئۇۋال قىلغانلىقىنى يازدى. ماقالىدە بۇ قېتىمقى زىيان خىتاي جەمئىيىتىدىكى باي ۋە كەمبەغەل ئارىسىدىكى ئىككى قۇتۇپنىڭ پەرقىنى كۆرسەتتى دېيىلدى.
2008-05-14
جاشىۋا كورلانتسىك تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ 2000 - يىلىدىكى پرېزىدېنت سايلىمى جەريانىدا بەرگەن باياناتلىرىدا، پرېزىدېنت كلىنتون ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى تەسلىمىيەتچى بىر سىياسەت دەپ تەنقىد قىلىپ، خىتايغا قارىتا قاتتىق بىر پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك خىتاينى كلىنتون ھۆكۈمىتىدەك ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقدىشى ئەمەس، ئەكسىچە ئامېرىكىنىڭ رىقابەتچىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
2008-05-14
تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە ۋە فرانسىيىلەردە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى تىبەت روھانى داھىسى ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلى بىلەن تىبەتنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستاۋاتقان بىر مەزگىلدە باشلاندى.
2008-05-14
5 - ئاينىڭ 8 - 9 - كۈنلىرى ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان "غالىبىيەت بايرىمى" كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى رۇسىيە ھەم باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا ئەزا مەملىكەتلەر 9 - ماي كۈنىنى غالىبىيەت كۈنى سۈپىتىدە 63 يىلدىن بېرى ئىزچىل خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
2008-05-14
13 - ماي كۈنى كەچتە شىۋېتسىيىدىكى ئەڭ چوڭ تەربىيىلىنىش ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇش مەركىزىنىڭ ABF سارىيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
2008-05-14
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان" ئىقتىساد"گېزىتىنىڭ 2008 - يىلى 10 - ماي سانىدا، "سىبىرىيە خىتاي - رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ قۇربانى"دېگەن تېمىدا بىر ماقالا ئېلان قىلىنغان.
2008-05-14
تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، تارىخى شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كونيا شەھىرىدىكى سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا 9 - مايدىن 11 - ماي كۈنىگىچە 1 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق شائىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2008-05-13
پىچان خىتاي بۇيىچە، كان بايلىقلىرى زاپاس مىقدارى ئەڭ مول بولغان 10 ناھىيىنىڭ بىرى. پىچاننىڭ يەر كۆلىمى 39 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، پىچانغا تۇتاشقان، يەنە بەزى مەنبەلەردە، ئەسلىدە پىچان زېمىنى بولغان تۇرپان - قۇمۇل نېفىتلىكىنىڭ كۆلىمى 53 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر.
2008-05-13
ياۋروپادا چىقىدىغان غەرب شامىلى ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى، ھازىر شىۋېتسىيىدە تۇرۇۋاتقان ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 4 - ئايدا شىۋېتسىيەگە كەلگەندە، شىۋېتسىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلغان.
2008-05-13
كۆپ دۆلەتلەردە ھەر يىلى ماي ئېيىنىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنى ئانىلار كۈنى دەپ بېكىتىلگەن، ئانىلار كۈنى خەلقئارالىق بىر كۈندۇر. دۇنيادا مىليونلارچە ئانىلار بۇ كۈندە بالىلىرى تەرىپىدىن سۆيگۈ - مۇھەببەت ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلەن ھۆرمەت قىلىنىپ خاتىرىلىنىدۇ.
2008-05-13
دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ سودا ئەھۋالى ھەققىدە تەييارلاپ ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان دوكلاتنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قولىغا چۈشكەن بولۇپ، دوكلاتتا خىتايدىكى باي - كەمبەغەللىك ئارىسىدىكى پەرق ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈلگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇراقلىق بازار ئىگىلىكى ھاسىل قىلىشتا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن.
2008-05-13
كانادا پارلامېنت ئەزالىرى " خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى " نامىدا پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزگە چىقىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى.
2008-05-13
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن بويىغا يېتىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۆلكىلەرگە توپ-توپ يۆتكىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى جىددىي ئەندىشىلەندۈرمەكتە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانىغا ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، چاڭلاشتۇرۇپ ئاسمىلىياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت قارا نىيىتى يوشۇرۇنغان دەپ پەرەز قىلىشماقتا.
2008-05-13
9 - ماي دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە مەنىگە ئىگە بىر كۈن بولماسلىقى مۈمكىن. لېكىن بۇ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئادەتتىكى كۈن ئەمەس، چۈنكى بۇ كۈن ئۇلار ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ غالىبىيەت كۈنىدۇر.