ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-06-11
مەيلى تارىختىكى چاررۇسىيە بولسۇن ۋە ياكى 20 - ئەسىردىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەم بۈگۈنكى رۇسىيە فېدېراتسىيىسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تاشقى سىياسىتى جۈملىدىن شەرق ۋە خىتاي سىياسىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مەلۇم دەرىجىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن.
2008-06-11
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى سېناتور شېرىد براۋن تەرىپىدىن 22-ماي كۈنى دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىغا سۇنۇلغان 574 - نومۇرلۇق قارار لايىھىسى، 2007- يىلى 18- سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قوبۇل قىلىنغان 497 - نومۇرلۇق قارار لايىھىسىنىڭ ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، لېكىن مەزمۇن جەھەتتىن مەزكۇر قارار لايىھىسىگە قارىغاندا كۆپرەك مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2008-06-11
ياۋرۇپا ئىتتپاقى ئىستىمالچىلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان Meglena Kuneva نۆۋەتتە خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ، ئۇ خىتاي تەرەپ بىلەن مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا.
2008-06-11
خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى " يەنخۇاڭ چۈنچيۇ" ژورنىلىنىڭ 6 - سانىدا سابىق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جى پېڭفېينىڭ ئۆلۈش سەۋەبىگە دائىر سىرلارنى ئاشكارىلىدى. ماقالىدە جى پېڭفېينىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جىپېڭفېي نېمىشقا ئۆلۈۋالىدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىش سەۋەبى بىلەن ئوغلى گېنېرال مايور شېڭدېنىڭ نېمە ئالاقىسى بار ؟ " يەنخۇاڭ چۈنچيۇ"دىكى ماقالىدە بۇنىڭغا دائىر سىرلار ئاشكارىلاندى.
2008-06-11
ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Miguel Angel Moration نىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مىنىستىر موراتىون ئىسپانىيىنىڭ بۇ قارارىنى يەكشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغان چېغىدا يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.
2008-06-11
د ئۇ ق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرماقتا. د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپون ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا، پارلامېنت ئەزالىرىغا ۋە ياپون خەلقىغە ئاڭلىتىش، شۇنداقلا ياپونىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش مەقسىدى بىلەن 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيوغا يېتىپ كەلگەن.
2008-06-11
ۋەتىنىدىن قازاقىستانغا تۇغقان يوقلاپ چىققان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياشانغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايال مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.
2008-06-11
دۇنيا پىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە ئۈچ قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولغان، كانادانىڭ ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچىسى ئەلۋىس ستوجكو، ئالدىنقى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلى مۇراسىمىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، كانادا جامائىتىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغانىدى.
2008-06-10
2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئۇيغۇر ئېلىگە يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي بېسىمىنى ئالاھىدە كۈچەيتىۋاتقانلىقى غەرب مەتبۇئاتلىرى شۇنىڭدەك چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە.
2008-06-10
ئامېرىكىدا پرېزىدېنت سايلىمى بۇ يىل 1 - ئايدا باشلانغان ئىدى. بۇنىڭ بىرىنچى باسقۇچى 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئاخىرلاشتى. بۇ باسقۇچتا دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئۆزلىرىنىڭ بىردىن پرېزىدېنت نامزاتىنى تاللاپ چىقتى. بۇلار دېموكراتلارنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جوھن ماككېيىندىن ئىبارەت.
2008-06-10
تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي - تىبەت سۆھبىتىدە ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشەلىشىدە ئۈمىد ئاز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تىبەت تەرەپ بۇ ئەندىشىسىنى، تۈنۈگۈن تەيۋەننىڭ مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىغان.
2008-06-10
باش شتابى شۋېتسارىيىنىڭ گلاند شەھىرىگە جايلاشقان تەبىئەتنى قوغداش خەلقئارا فوندى جەمئىيىتى (WWF International) ھەمدە خىتايدىكى خەلقئارالىق مۇھىت ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىق كېڭىشى(CCICED) بىرلىكتە خىتايدىكى ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.
2008-06-10
تۈركىيىدە دارۋىنىزمگە يەنى ماتېرىيالىزمغا قارشى يازغان ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان ئادنان ئوكتار ئەپەندى، ھازىرغىچە ئىككى يۈز ئاتمىش ئەتراپىدا كىتاب يازغان بولۇپ، بۇ كىتابلار ھارۇن ياھيا تەخەللۇسى بىلەن نەشر قىلىنغان.
2008-06-10
يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ تەبەسسۇم سەنئەت ئۆمىكى بىلەن قىرغىزىستان بېشكەكتىكى ئىنتىزار ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇل سەنئەت ئۆمىكى بىرلىشىپ، بېشكەك شەھىرىدە ئىيۇن بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئويۇن كۆرسەتتى.
2008-06-10
پەيشەنبە كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا يەنە بىر قېتىم خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان. يىغىندا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى نۇقتىلىق ھالدا تالاش - تارتىش قىلىنغان.