ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-07-14
13 - ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە بەش ئۇيغۇر ياشنى ئېتىپ تاشلىغانلىقى ھەمدە قەشقەردە بەش ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.
2008-07-14
7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىش د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ چاقىرىقى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ نامايىشنى د ئۇ ق باش شىتابى بىلەن ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.
2008-07-14
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 5 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرىنى ۋەھشىلەرچە ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە يەنە شۇ كۈنى قەشقەردە 20 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىپ 5 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت جىنايى قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا نامايىش ئۇقتۇرۇشى قىلغان ئىدى.
2008-07-14
خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇرۇمچى رايونىدا بىگۇناھ 5 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى ياۋايىلارچە ئېتىپ تاشلاشتەك قىلمىشى ۋە قەشقەردىكى خىتاي سوتىنىڭ 20 ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۈستىدىن سوت ئېچىپ 5 نەپەر ئۇيغۇر بالىسىغا ناھەق ھالدا ئۆلۈم جازاسى بېرىشى شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى ۋە غەزەپ نەپرىتىنى قوزغىدى.
2008-07-14
ئۈرۈمچىدە ئۆلتۈرۈلگەن 5 ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى كۆپ تەرەپلىمە ئويغا سالدى. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ قورالسىز بولۇشى، دىنىي سۆھبەت ئۈستىدە قورشاۋغا ئېلىنىشى، پاجىئەنىڭ ئولىمپىكقا 29 كۈن قالغان يەنى دۇنيا جامائىتى خىتايغا كۆزىنى تىكىپ تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بېرىشى مەسىلىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئويغا سالغان تەرەپلىرىدۇر.
2008-07-14
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا 27 كۈن قالغاندا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزاسى لى چاڭچۈن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك زىيارىتىگە قارىتا ئوچۇق ۋە كەڭ مۇلازىمەت شارائىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-07-14
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن سۇداننىڭ پايتەختى كارتۇمدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئورنى گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھرىدىكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى لۇىس ئوكامپو سۇدان پرېزىدېنتى ئومەر ئەل بېشىرنى 'ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، سۇداندا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئۈچ خىل يەرلىك مىللەتنى خانىۋەيران قىلدى' دەپ ئەيىبلىگەن ۋە باش سوتچىدىن بېشىرنى قولغا ئېلىپ سوتلاشنى تەلەپ قىلغان.
2008-07-14
ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا ئائىت ماتېرىياللاردا 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تاكى 40 - يىللارغا قەدەر بولغان دەۋىر ئىچىدە يالغۇز چاررۇسىيە مۇستەملىكىچىلىرىلا ئەمەس، بەلكى لېنىن، ستالىن يېتەكچىلىكىدىكى سوۋىت قىزىل ئارمىيىسى دەپ ئاتالغان تاجاۋۇزچى ئارمىيىنىڭمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشۇن تارتىپ كىرىپ، يەرلىك تۈركىي مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىمۇ مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇش، ھاشارغا تۇتۇش، قولغا ئېلىش شۇنداقلا كوللىكتىپ قىرغىن قىلىشتەك ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن يوق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار ئېلان قىلىنماقتا.
2008-07-14
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش دۈشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى ماقۇللانغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش نۇتىقى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئۆز ئازادلىقى ۋە دىنىي ئەركىنلىك ئۈچۈن تىرمىشىۋاتقان كىشىلەرنى ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
2008-07-13
13 - ئىيۇل كۇنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدە ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
2008-07-11
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 8 - ۋە 9 - ئىيۇل كۈنلىرىدىكى قانلىق ھەرىكىتىنى ئۇيغۇر مىللىتىگە، ئولىمپىك روھىغا ۋە خەلقارا قانۇنغا جەڭ ئېلان قىلىش دەپ بىلدۈردى.
2008-07-11
ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇل كونسولوسلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ 3 ساقچى شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلگە تېلېفون قىلىپ ئابدۇللاھ گۈلدىن ۋە ئابدۇللاھ گۈل ئارقىلىق تۈرك ساقچىلىرىنىڭ ئائىلىلىرىدىن سەۋىرە تىلىدى.
2008-07-11
بۇنىڭدىن بۇرۇن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيە تەيۋەننى 'جۇڭگو تەيۋەن' دەپ ئاتىسا، تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسى 'جۇڭخۇا تەيۋەن' دەپ ئاتايتتى. تەيۋەندىكى مىنجىنداڭ پارتىيىسى بولسا تەيۋەننى ئىگىلىك ھوقۇقى بار بىر دۆلەت دەپ قاراپ، قىسقارتىپ'تەيۋەن' دەپلا ئاتايتتى.
2008-07-11
بېيجىڭ ئولىمپىكىگە نەچچە ئون كۈنلا ۋاقىت قالدى. خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى مەخپىي ھالدا ئولىمپىك ئېچىش مۇراسىمىنىڭ رېپېتىتسىيە ئورۇنلاشتۇردى ۋە مۇشۇنىڭغا يانداشقان ھالدا بېيجىڭ ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ "شەھەر قىياپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ" دەپ قارالغان ئېلېمېنتلارنى شەھەردىن يوق قىلىشقىمۇ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر ' سەلبىي ئېلېمېنتلار 'شەھەر ئىچىدە تىلەمچىلىك قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان دىۋانىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2008-07-11
ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا ئائىت ماتېرىياللاردا 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تاكى 40 - يىللارغا قەدەر بولغان دەۋىر ئىچىدە يالغۇز چاررۇسىيە مۇستەملىكىچىلىرىلا ئەمەس، بەلكى لېنىن، ستالىن يېتەكچىلىكىدىكى سوۋىت قىزىل ئارمىيىسى دەپ ئاتالغان تاجاۋۇزچى ئارمىيىنىڭمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشۇن تارتىپ كىرىپ، يەرلىك تۈركىي مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىمۇ مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇش، ھاشارغا تۇتۇش، قولغا ئېلىش شۇنداقلا كوللىكتىپ قىرغىن قىلىشتەك ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن يوق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار ئېلان قىلىنماقتا.