ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-12-23
مەركىزى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارا ئىستىراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ تۈر بېتىدە 2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ، 'بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ' دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.
2009-12-22
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئارىدىن ئالتە ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۈرۈمچىنىڭ يەنىلا ۋەھىمىلىك ئىچىدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خوڭكوڭدىن چىقىدىغان جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن تەپسىلىي خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر - خىتايلار ئارىسىدا چوڭقۇرلاشقان ئىشەنمەسلىك ۋە ئۆچمەنلىك ئۈرۈمچىنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرماقتا ئىكەن.
2009-12-22
ئامېرىكىنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتا سىستېمىسىدا ئىسلاھات ئەپ بېرىش مەقسەت قىلىنغان قانۇن لايىھىسىدە تۈنۈگۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. قانۇن لايىھىسىگە دائىر تالاش - تارتىشلارنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ئاۋازغا قويۇلغان بولۇپ، نەتىجىدە لايىھە يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشىپ قوبۇل قىلىندى.
2009-12-22
21 - دېكابىر كۈنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، "خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك تاۋارلىرىغا قارىتا چەكلىمە قويۇشى قانۇنسىزلىق" دەپ قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلدى.
2009-12-22
نۆۋەتتە ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئېغىر دەرىجىدە يىركلىشىشكە باشلىدى "يەر شارى ئەرەب تور بېتى" دە بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدا ھىندىستان تەرەپنىڭ خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان نازۇك سىياسىي مەسىلىلەردىن بىرى ھېسابلانغان تىبەت مەسىلىسىدە تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لامانى قوغدايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىپادىسى ئېنىق شەرھىلەنگەن.
2009-12-22
تالىبان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت 1998 - يىلى باشلانغان بولۇپ گەرچە بۈگۈنكى كۈندە بىۋاستە بولمىسىمۇ ۋاسىلىتىلىق ھالدا بۇ مۇناسىۋەتنىڭ داۋاملشۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2009-12-22
2007 - يىلى رۇسىيىنىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەرلەرنىڭ بىرى پورباجىن - لايدىن ياسالغان قەلئە توغرىسىدىكى خەۋەر بولغان ئىدى. بۇ خەۋەر رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرى پورباجىنغا قارىتىلغان ئىدى.
2009-12-22
1961 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باي ناھىيىسىدە زور كۆلەملىك ئاچارچىلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. غەيرى ھۆكۈمەت مەنبەئەلىرىدە 20 مىڭ ئەتراپىدا ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
2009-12-21
كامبودژا دائىرىلىرىنىڭ 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشى غەربىدىكى بەزى دېموكراتىك ئەللەرنى بىئارام قىلماي قالمىدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كامبودژا دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىدىن قايغۇرغانلىقى ۋە قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
2009-12-21
كامبودژادا سىياسىي پاناھلىق تىلەۋاتقان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىيىتى يېقىنقى 2 ھەپتە ئىچىدە جىددىيلەشكەن ۋە كامبودژا ھۆكۈمىتى يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە ئارقا - ئارقىدىن بىرقانچە قېتىم بايانات بەرگەن ئىدى.
2009-12-21
كامبودژا دائىرىلىرى مەزكۇر دۆلەتتە پاناھلانغان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 20 نەپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ 20 نەپەر ئۇيغۇر 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە ئايروپىلان بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلغان. بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا چۆمدۈردى.
2009-12-21
2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بۈيۈك ئالىم، مۇتەپەككۇر، شائىر ۋە قاراخانىيلار خاقانلىقىنىڭ ئوردا باش مەسلىھەتچىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 990 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل ۋافا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يىغىن زالىدا، "يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئۇنىڭ ئەسىرى قۇتادغۇبىلىك ۋە ئۇنىڭ ئانا يۇرتى شەرقىي تۈركىستان" ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
2009-12-21
2009 - يىلى خىتايدا ئىجتىمائىي ۋەزىيەت ئەڭ كەسكىنلەشكەن بىر يىل بولدى. بۇ يىل 5 - ئىيۇلدىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدە داۋاملىشىۋاتقان مۇقىمسىزلىق، خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىغا بولغان نارازىلىق يۈزىسىدىن كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتقان ئەرزدارلار مەسىلىسى، ھەرقايسى ئۆلكە - شەھەرلەردە يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر خىتاي ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىقنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
2009-12-21
دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەت رەھبەرلىرى يەرشارى كىلىمات مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە بىر قارار تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبەت يىغىنى دانىيىنىڭ پايتەختى كوپىنھاگىندا شەنبە كۈنى ئاياغلاشتى.
2009-12-21
خىتاينىڭ قازاقىستان دائىرىلىرىدىن، دېھقانچىلىق باھانىسىدا بىر مىليون گېكتار يەرنى ئىجارىگە ئېلىش تەلىپى، قازاقىستان خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.