ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-04-14
ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مىللەتنىڭ ئۈمىدى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي بېسىمىدىن ئىبارەت ئىككى تاشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېزىلىۋاتقان بىر سىنىپ. بىر تەرەپكە قارىسا ئۆزىگە ئىش، مائاش بېرىۋاتقانلىغىنى باھانە قىلىپ، نىمىنى قىلىش، نىمىنى قىلماسلىقنى مېڭىسىگە نەقىش قىلىپ يېزىۋەتكەن يەرلىك ھۆكۈمەت، يەنە بىر تەرەپتە تەلپۈنۈش ۋە تەلمۈرۈش، ئۈمىت ۋە ئۈمىدسىزلىك، سۆيگۈ ۋە ئاغرىنىش تۇيغۇلىرى ئىچىدە قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى كۈتۈۋاتقان ئۆز خەلقى.
2009-04-14
شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى 12 دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن خىتاي، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيىدىن ئىبارەت 3 دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تايلانتتىكى ئالى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تايلانتنىڭ پاتىيا شەھىرىدە باشلانغان ئىدى.
2009-04-14
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي بېسىمىدىن قېچىپ چەتئەللەردە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار قانۇنى بويىچە مۇساپىرلار تۈركىيە چېگرىسىدىن كىرىپ 10 كۈن ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈركىيە شۆبىسىنىڭ مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
2009-04-14
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقان تۈزۈم ۋە بەلگىلىمىلەر سانىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن 6 - ئاپرىل كۈنى ئېلان قىلىنغان "ئاخبارات، نەشرىيات قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى توغرىسىدا پىكىر" ناملىق ھۆججىتى، خىتاي ۋە دۇنيادا ھەرخىل ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى.
2009-04-13
تۇرپان شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ياش ئەكبەرجان جامال، 2007 - يىلى، سۇمرۇغ تېلىۋىزىيىسى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئۇچۇر يەتكۈزگىنى ئۈچۈن ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق كېسىلگەن.
2009-04-13
خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن تۇنجى قېتىم 'كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش' دېگەن سۆزنى تىلغا ئېلىپ 'دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى' دېگەن بىر چوڭ پىلاننى ئېلان قىلدى.
2009-04-13
يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ، تارىخى، ئەدەبىياتى، تىلى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا قىزىقىدىغان بىلىم ئادەملىرىنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.
2009-04-13
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇر دىيارىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياشلار ئارىسىدا ئىشسىزلىق كۈنسايىن ئېغىرلاشماقتا. مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ياشلار مەيلى قەيەرگىلا بارمىسۇن ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان ئىدارە تاپالماي يىللاپ - يىللاپ بىكار يۈرمەكتە.
2009-04-13
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنى مەركەز قىلغان "ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى" تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقات ۋە قۇرۇلتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئۇستاز رەھمەتۇللا ئانايەتۇللا تۈركىستانىنىڭ رىئاسەتچىلىكىدە " ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى" ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى.
2009-04-13
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدىكى شەرقى يۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى كۈچلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ھۇجۇم پىلانى قۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى ھەرىكەت قوللۇنىشىنى تەلەپ قىلغان.
2009-04-10
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇمان ناھىيىسىدىكى بىر يېزىدا سىياسى سەۋەبلەردىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغان. مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەردە پۇقرالارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە دائىر فىلىم كۆرگەنلىك سەۋەبى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2009-04-10
كارىز ئىدىقۇت باغرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ سۇ ئىنشائاتى، مەدەنىي مىراسى، تۇرپاندىكى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان خەلقنىڭ، باغۇ - بوستان ئېتىز ئېرىقلىرىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى. شۇڭىمۇ تۇرپان خەلقى "تۇرپان دېمەك -كارىز دېمەك " دەپ قارايدۇ.
2009-04-10
شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىسى ئارسلان ئالپتېكىن بىلەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچسى، ئەيسا يۇسۇف ئالپتېكىننىڭ ئىككى توملۇق ئەسلىمىسىنى، پولات قادىرى تۇرفانىنىڭ "ئۆلكە تارىخى" ناملىق ئەسىرىنى نەشىرگە تەييارلىغان تارىخچى ئۆمەر قۇل ئەپەندى 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئەنقەرەگە كېلىپ تۈركىيە پارلامېنتىدە تۈرك پارلامېنت ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2009-04-10
قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر تارىخچىسى باتۇر راشىدىننىڭ ئۈچ توملۇق" كىتابى "ئۇيغۇر بەدىئىي تەپەككۇر تارىخى" ئالماتادىكى "نۇر پرېنت" نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
2009-04-10
يېقىندا، ئوتتورا ئاسىيا، كاۋكازىيە ۋە سىياسى' كۈچ ناملىق كىتاب تۈركىيىدىكى خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى، بۇ كىتاب ھەر قايسى ساھەلەردىكى يازغۇچى، تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن يېزىلغان 9 پارچە ئىلمىيلىكى يۇقىرى، سىياسى ماقالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.