ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-09-30
خىتايدا كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان مەزگىلدە، چەتئەللەردىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا.
2009-09-30
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ -يورك شەھىرىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلارغا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى ئامېرىكا دېموكراتىيىسىدىن ئۈلگە ئېلىشقا چاقىردى.
2009-09-30
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور دوكتور ئەكمەلىددى ئېھسان ئوغلى ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىغا ئەزا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2009-09-30
"گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى" ۋە "گوللاندىيە تىبەتلەرنى قوللاش جەمئىيىتى "نىڭ ھەمكارلىقىدا، "گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى" نىڭ ئىشخانىسىدا خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ ئورتاق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلق ۋە گۇرۇھلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ھەمكارلىق يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
2009-09-30
چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىگە بېرىپ تۇغقان يوقلاپ چىققاندىن كېيىن رادىئومىزنىڭ ئەنقەرە ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۈرۈمچىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشماقتا.
2009-09-30
قازاقىستاندا تونۇلغان ئۇيغۇر ئالىمى، دوكتور رابىك ئىسمايىلوف ئەپەندى 5 - ۋە 7 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەلىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2009-09-29
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى چوڭ تەبرىكلەش ئالدىدا تۇرغاندا، خەلق ئىچىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 60 يىلدىن بۇيان توۋلىغان شۇئارلارنىڭ تامامەن يالغانچىلىق ئىكەنلىكى بىر - بىرلەپ كۆرسىتىلدى.
2009-09-29
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىللىق دۆلەت بايرىمىغا ئاز قالغانسېرى، ئاخباراتقا قارىتا چەكلەشنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە مۇخبىرلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتنىڭ مەزكۇر باياناتى خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېتقا قارىتا چەكلەش بەلگىلىمىسى ئېلان قىلغان پەيتلەرگە توغرا كەلدى.
2009-09-29
خىتاي دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، مۇراسىمنى ساق - سالامەت ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتمەكتە. بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان بولۇپ، بېيجىڭ دائىرىلىرى ھازىر بېيجىڭنىڭ ئۆزىگىلا 6000 دىن ئارتۇق ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە يەنە 800 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنى بايرام كۈنلىرىدە كوچىلاردا بىخەتەرلىك قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
2009-09-29
خىتاينىڭ بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تېما قىلماقتا. خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ بىر ماقالىسىدا ئېلان قىلىنىشىچە، خىتايدا پۇقرالارنىڭ پاسپورت ئىشلىتىشنىڭ ئاسانلىشىشى، 60 يىلدىن بۇيانقى تارىخىي ئۆزگىرىشىنى يەنى خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن ئىشىكنىڭ سىرتقا قانچىلىك چوڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
2009-09-29
خىتاينىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار ئورتاقلىشىپ خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.
2009-09-29
9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمى سايلام باش مىنىستېر ئانجىلا مېركىل خانىمنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىپ، يەنە بىر قېتىم گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
2009-09-29
چەتئەلدىن تۇغقان يوقلاپ ئۈرۈمچىگە بارغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىزگە بايان قىلىپ بېرىشىچە، 7 - ئىيۇل كۈنىدىكى خىتايلارنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەسىدە 3 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالا خىتايلار تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.
2009-09-28
كانادانىڭ مەدەنىيەت ۋە كۆچمەنلىك ئىشلىرى مىنىستىرى جايسون كېننىي ئەپەندى 26 - سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، تورونتودىكى ئاناتولىيە ئىسلام مەركىزىدە، تورونتودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كانادا پۇقرالىقىدىكى تۈركىي مىللەتلىرى ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالدى.
2009-09-28
خىتاي ئاخباراتى چارشەنبە كۈنى، شاۋگۇەن دائىرىلىرىنىڭ شاۋگۇەن ۋەقەسىنى پەيدا قىلغۇچىلاردىن 11 كىشىنى سوتقا تارتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى. بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شاۋگۇەن ۋەقەسىنى يەڭگىل بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇنى خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ كۆرسەتتى.