ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-09-02
8 - ئاينىڭ بېشىدا خىتاي - ھېندىستان ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان 13 - قېتىملىق چېگرا سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىتاي - ھېندىستان مۇتەخەسسىسلىرى 28 يىلدىن بېرى ئېلپ بېرىلىۋاتقان چېگرا سۆھبىتىنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ نەتىجىلىك بولمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
2009-09-02
خىتاي مەركىزى رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى، سەلكىن تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچى مۇھەممەتجان ئابدۇللا، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئىدى. مۇھەممەتجاننى يېقىندىن تونۇيدىغان دوستلىرىنىڭ رادىئومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، مۇھەممەتجان قولغا ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن.
2009-09-01
يېقىندا ۋەتەن زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بايان قىلىشىچە،"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە 2 ئاي بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي بولۇپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا مىللىي ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەت يەنىلا پەسەيمىگەن.
2009-09-01
ئامېرىكىدا خىتايچە چىقىدىغان 'بېيجىڭ باھارى' ژۇرنىلىنىڭ 2009 - يىل 9 - ئايلىق سانىدا 'تۆتىنجى ئىيون ۋەقەسى' بىلەن 'يەتتىنجى ئىيول ۋەقەسى' دە خىتاي كۆمۇنىست پارتىيىسى خەلقنى باستۇرۇش مودېلى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈلگەن بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلندى.
2009-09-01
28 - ئاۋغۇست ميۇنخېندا ئېچىلغان "ميۇنخېن زامانداش رەسساملار كۆرگەزمىسى"گە ئۇيغۇر رەسسامى مەرۋايىت خانىمنىڭ ماي بوياق رەسىملىرىمۇ تاللانغان. مەلۇم بولۇشىچە، "ميۇنخېن زامانداش رەسساملار كۆرگەزمىسى" 1886 - يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، ياۋروپا رەسىم ساھەسىدە ئېتىراپ قىلىنغان بىر قەدەر چوڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئىكەن.
2009-09-01
تەيۋەن بىلەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئىختىلاپلارنىڭ كۈچىيىپ كەتمەسلىكىنى نەزەردە تۇتقان دالاي لاما، ئۆزىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى جەريانىدا ئاساسلىق بۇددا دىنى ئەقىدىسى ھەققىدە توختىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
2009-09-01
ئامېرىكا بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ مېڭىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتماقتا. 2005 - يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەندىجان شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردە ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېك ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىشى شۇنداقلا ئۆزبېك ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى تاقىشى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلىشىپ كەتكەن ئىدى.
2009-09-01
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بىر كۈن كېيىن چەتئەللىك بەزى مۇخبىرلار ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغان بولغاچقا ئۈرۈمچى ۋەقەسى بىر ھەپتىگىچە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى.
2009-09-01
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خەلقئارا قەلەمكەشلەر يىغىنىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى (NED) جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى لوئىيسا خانىم 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئىستانبۇلدا، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشتى.