ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-03-23
نورۇز بايرىمى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمىي مىللىي بايرىمى بولۇپ، تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا تۈركىي مىللەتلەر 2000 يىلدىن بېرى تەبرىكلەپ كەلمەكتە ئىكەن. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى 1991 - يىلىدىن بېرى ھەر يىلى ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە دۈنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەردىن ئىلىم ئادەملىرى ۋە سەنئەتچىلەرنى تۈركىيىگە تەكلىپ قىلىپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇپ نورۇز بايرىمىنى قۇتلىماقتا.
2010-03-23
3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، گېرمانىيىنىڭ مانخايىم شەھىرىدە " شەرقىي تۈركىستاندا ۋەھشىيەت" ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتنى" شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزى" ناملىق تەشكىلات بىلەن تۈركىيە ۋە ياۋرۇپادىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى ھەمدە فىلىم ئىشلەش شىركەتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، كۆپ خىل مەزمۇنلۇق بۇ پروگراممىغا مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان.
2010-03-23
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق 'ھۆر شەرقىي تۈركسىتان' ناملىق يىغىنغا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قانچە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىي سىراجىددىن ئەزىزى ئەنە شۇلاردىن بىرى.
2010-03-22
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 20 - مارتتىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە 5 - ئىيۇلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز قامال قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان، پۇقرالارنىڭ ئېلېكترونلۇق خەت ئالاقىسى ھەم تېلېفوندا تېكىست يوللانمىسىغا قارىتىلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۆيلىرىدە ئېلېكترونلۇق مەكتۇپ يوللىشى يەنىلا چەكلىمىگە ئۇچرىغان.
2010-03-22
ئامېرىكىدا يىللاردىن ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنى ئىسلاھا قىلىش ھەققىدە سۇنۇلغان لايىھىلەر ماقۇللانماي ۋە قانۇنغا ئايلاندۇرۇلماي كېلىۋاتقان ئىدى. ئاخىر 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى(يەكشەنبە كۈنى) ئاخشامدا، ساغلاملىق سۇغۇرتىسى لايىھىسىنىڭ بىر خىل نۇسخىسى دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋاز قويۇش ئارقىلىق ماقۇللاندى. ئەمدى پرېزىدېنت ئوباما ئىمزا قويسىلا، بۇ لايىھە قانۇنغا ئايلىنىدۇ.
2010-03-22
3 - ئاينىڭ 20 - 21 - كۈنلىرى ئىستانبۇلدا "ھۈر شەرقىي تۈركىستان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى " ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا، بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن پروفېسسور، مۇتەخەسسىس، ئادۋوكات، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىدىن بولۇپ 20 ئەتراپىدا ئىلىم ئادىمى سۆز قىلدى.
2010-03-22
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى كۈتۈۋالدى، شۇلارنىڭ قاتارىدا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ بايرامنى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلىرى بىلەن قۇتلۇقلىدى.
2010-03-22
قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئەخمەتجان ھاشىروف : ب د ت نورۇزنى خەلقئارا بايرام قىلىپ بېكىتتى.
2010-03-22
نورۇز ئايىمى يىتىپ كېلىش بىلەن تەڭ نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھەر يىلدىكىگە ئوخشاشلا پايتەخت ئوسلودا داغدۇغىلىق ھالدا نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۇزدى.
2010-03-22
2010 - يىلى 3 - ئاينىڭ 20 - 21 - كۈنلىرى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ كۇلتېر - سەنئەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا، ئى ھا ھا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن "ئىستانبۇل تىنچلىق مۇنبىرى" نام ئاستىدا خەلقئارالىق "ھۆر شەرقىي تۈركىستان" ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
2010-03-19
بىر مىللەتنى مىللەت قىلىدىغان ئالاھىدىلىكلەر ئۇلارنىڭ مەنىۋى قىممەتلىرى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، تۈرلۈك مۇراسىم ۋە باشقا مەدەنىي ئالاھىدىلىكلىرىدۇر. بىر مىللەتنى مىللەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە ئۇنى داۋام قىلىشىنى مۇمكىن قىلىدىغان مەدەنىيەت ئامىللىرىدۇر.
2010-03-19
تارىخچى ئۆمەر قۇل تەرىپىدىن قايتا رەتلەپ نەشرگە تەييارلانغان "شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن: ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ كۈرەش ئەسلىمىلىرى" ناملىق ئەسەرنىڭ بىرىنچى تومى ئەنقەرەدە نەشردىن چىقتى.
2010-03-19
خىتاي بۈگۈن ئامېرىكىنى پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسىدىكى مۇنازىرىنى سىياسىيلاشتۇرۇۋالدى، ئەيىبلەپ چىقتى. بۇ ھەقتە ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئىقتىسادشۇناس چېن شاۋنوڭ ئوبزور ئېلان قىلدى.
2010-03-19
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى قوغداش نامى ئاستىدا بىر قاتار يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە بىخەتەرلىك تېرمىنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. "نۇقتىلىق ئائىلە"،" سەزگۈر كۈن" ۋە " ئۈچ پېشقەدەم " قاتارلىقلار يېقىنقى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى بىخەتەرلىك تېرمىنلىرىدۇر.
2010-03-19
" ئىستانبۇل تىنچلىق بىرلەشمىسى" نام ئاستىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 3 كۈنلۈك يىغىن بۈگۈن باشلاندى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان دوكتۇر، پروفېسسور، تەتقىقاتچى ئالىملار ۋە يىغىندا سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان شەخس قاتارلىقلار ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى.