ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-05-12
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر ۋە يەكەندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن يارىلىنىپ داۋالىنىشقا مەجبۇر بولغان. دوختۇرخا خادىملىرىنىڭ ساقچى ۋە ئەسكەرلەرگە ماسلىشىشى نەتىجىسىدە بۇ ياشلار قولغا ئېلىنغان.
2010-05-12
ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى قانچىلىك كىشىنى قولغا ئالغانلىقى، ئۇلارنى نېمە سەۋەبتىن تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاخباراتلارغا ئېنىق ئۇچۇر بەرمەي كەلمەكتە.
2010-05-12
رۇسىيە - تۈركىيە مۇناسىۋىتى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە تارىخىي ۋە جۇغراپىيىۋى ئىستراتېگىيىلىك ئىختىلاپلار بىلەن تولغان مۇناسىۋەت بولۇپ كەلگەن ئىدى. لېكىن يېقىندىن بېرى تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە بۇرۇلۇش يۈز بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈچىيىشكە باشلىدى.
2010-05-12
5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى تۈركىيىدىكى بەزى تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، تۈركىيىدىن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئېلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
2010-05-12
"ئۇيغۇر پەن - مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى" دېگەن تېمىدا ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا سۆز قىلغان، تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تارىخ ۋە ئىستراتېگىيىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
2010-05-11
خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، رايون تەۋەسىدە قانچىلىك ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات ساھەسىدە ئېنىق بىر مەلۇمات بەرمەي كەلگەن ئىدى. بۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايدىن ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.
2010-05-11
ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بېرىلىدۇ. خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەزكۇر دىئالوگنى يېقىندىن كۆزىتىشكە باشلىدى. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇ خىلدىكى تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر.
2010-05-11
"پەلەك شاھى" دەپ نام ئالغان مەشھۇر ئۇيغۇر دارۋاز ئادىل ھوشۇرنىڭ، بېيجىڭدىكى "قۇش چاڭگىسى" تەنتەربىيە زالى ئۈستىگە باغلانغان سىمدا 60 كۈن ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتى داۋاملاشماقتا.
2010-05-11
شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ داغدۇغىسىنى كىشىلەر ئۇنىڭ قانداق لايىھىلەنگەنلىكى ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىدا 100 مىڭ ساليۇت ئېتىلغانلىقى ئارقىلىق كۆردى. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ بەش مىڭ يىللىق پارلاق مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىنغانلىقىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى ئارقىلىق بىلدى.
2010-05-11
2010 - يىلى، 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن "ئۇيغۇر پەن - مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى" دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2010-05-11
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى 5 - ئاينىڭ 10 -11 - كۈنلىرى تۈركىيىدىكى بەزى پەن - تېخنىكا تەتقىقات ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلدى.
2010-05-11
غەرب دېموكراتىك ئەللىرى خەلقلىرىنىڭ خىتايغا بولغان سەلبىي كۆز قارىشىغا يالغۇز خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى سەۋەب بولۇپلا قالماستىن، خىتاينىڭ مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭمۇ مۇھىم بىر سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا تىلغا ئېلىنماقتا.
2010-05-10
'بوشۈن تور گېزىتى'دە ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا بولۇۋاتقان ھوقۇق كۈرەشلىرىنى ئاشكارىلايدىغان ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 1989 - يىلى 3 - ئايدا، خۇ جىنتاۋ ئۆزىگە بېرىلگەن سىياسىي پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، تىبەتتە يۈز بەرگەن 'سەككىز بۇرجەك كوچا' قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشتا، بېشىغا پولات كاسكا كىيىپ قوماندانلىق قىلغاندىلا دېڭ شاۋپىڭغا ياراپ قالغان.
2010-05-10
مەركىزى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئىستانبۇل بابى - ئالەم خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
2010-05-10
9 - ماي كۈنى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقانلىقىغا 65 يىل تولغان خاتىرە كۈنىدۇر. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېتلىر فاشىزمى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاياغلاشقان بۇ ئۇرۇشتا ئەينى ۋاقىتتا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قەھرىمانلارچە جەڭ قىلغان ئىدى.