ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-09-30
خىتايدا ئىقتىسادىي ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بايلىق كەمبەغەللىك پەرقىمۇ زورىيىپ بارماقتا.
2011-09-30
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش قىلمىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل تەنقىدلىنىپ كەلگەن بىر مەسىلە.
2011-09-30
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى يىغىنى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېستونيىنىڭ پايتەختى تاللىندا باشلىنىپ 28-كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئاخىرلاشقان.
2011-09-30
كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېر بېيجىڭ بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە بۇ يىل نويابىر ئايلىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىماقتا.
2011-09-30
ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيە شۆبە باشلىقى فۇئاد رۇستەمھاجىيۇفنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قارشى، ئۆزبېكىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
2011-09-30
ھازىر كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىدە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان چەن، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كاناداغا 1969 يىلى 18 يېشىدا كەلگەنلىكى مەلۇم.
2011-09-29
ئىستانبۇلدىكى «تەكلىماكان» ئۇيغۇر نەشرىياتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي ھاياتىنى ھەقىقىي تۈردە دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىتايغا جەڭ ئېلان قىلماقتا.
2011-09-29
مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسى خىتاي ئۆكتىچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي سەزگۈرلۈكى كۈچلۈك بەزى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تەنقىدىگە ۋە قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان.
2011-09-29
پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە 3 كۈندىن بېرى پاكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېرىلىۋاتقان باياناتلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى.
2011-09-29
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، «كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى» خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغاندەك ئۈنۈم بەرمەي، مەسخىرىگە قالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مۇكاپات ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
2011-09-29
ئەينى ۋاقىتتا قۇرۇلغان «جۇڭخۇا مىنگو» دېگەن دۆلەت ھەققىدىكى تارىخىي خاتىرىلەر بىزگە، ھازىرقى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررىتورىيىسىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ياراتتى.
2011-09-29
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى راخمان مالىك، خىتايغا، ئۇيغۇر دىيارىدىن پاكىستانغا كېلىپ، يوشۇرۇنغان ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.
2011-09-28
نۇتۇق سۆزلەش ئۆمەكلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ناھىيىلىرىگىچە چۈشۈپ، بارلىق ساھەلەر بويىچە «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» نەزەرىيىسىنى تەشۋىق قىلماقتا.
2011-09-28
پاكىستاندىكى راجا جىھانگىر ئەختەر ئىسىملىك بىر ئاممىۋى پائالىيەتچى، مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، ئىسلامئاباددا ئاچلىق ئېلان قىلىپ، پاكىستاندىكى ھۆكۈمەت، ئاخبارات ۋە جامائەتلەرنىڭ دىققەت مەزكىزىگە ئايلانغان ئىدى.
2011-09-28
يېقىندا ۋېكىلېكس تور بېكىتى 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسىگە قاتناشقان 38-ئارمىيە ئەسكەرلىرىنىڭ نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرۇشتا، دائىرىلەر تەرىپىدىن ئالداش ۋاسىتىسى قوللىنىش ئارقىلىق، 1000 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاشكارىلىدى.