ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-12-14
تۇنىستىن باشلانغان ئەرەب باھارى سۈرىيىگە كېلىپ توختاپ قالغاندىن كېيىن، سۈرىيە خەلقىنىڭ ۋەزىيىتى كۈندىن - كۈنگە يامانلىشىشقا باشلىغان ئىدى.
2012-12-14
1955 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ كېلىپ، قىرغىزىستاننىڭ چۈي ۋېلايىتى سوقۇلۇق ناھىيىسى كومسومۇل مەھەللىسىگە ئىمىنئاخۇن ئاكىنىڭ جان كۆيدۈرۈپ ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە يەرلەشكەن 50 نەچچە ئۆيلۈك ئۇيغۇر جامائىتى، 60 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ھالال مىھنەت بىلەن يۇرتىنى گۈللەندۈرۈپ، ھازىر 250 ئۆيلۈكتىن ئاشتى.
2012-12-13
بۇ يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، 40 ياشلىق ئانا تۇقىز نۇراخمەت 3 بالىسى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتە كوچىدا مېڭىپ يۈرۈپ كېچىنى تاڭ ئاتقۇزىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىجارىگە ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن قوغلانغان.
2012-12-13
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل «يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش» قۇرۇلۇشى نامىدا مەركەزلىك ھالدا يېزا ۋە تاغلىق كەنتلەرنىڭ يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئىدى ۋە بۇنىڭغا 90 مىليون يۈەنگە يېقىن مەخسۇس مەبلەغمۇ ئاجراتقان، ئەمما قاغىلىق ناھىيىسىدىكى يول قۇرۇلۇشلىرى ئەمەلىيەتتە دېھقانلارنى باشقىدىن ھاشارغا تۇتۇش باھانىسى بولماقتا ئىكەن.
2012-12-13
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالدىنقى كۈنى مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتايدىن ليۇ شياۋبونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
2012-12-13
ئىلھام توختى ئەپەندى يېقىندا خوڭكوڭ «قۇياش ۋاقتى ھەپتىلىك گېزىتى» نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىدىكى ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى تۈپ پەرقنىڭ ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
2012-12-13
ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا 12-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خىتاي دوستلۇق جەمئىيىتى تەرىپىدىن «بۈگۈنكى خىتايدىكى مەدەنىيەت توسقۇنلۇقى» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2012-12-13
بۇلتۇر مالايشىيادىن قايتۇرۇلغان 11 ئۇيغۇرغا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» ئارتىلىپ، ئوخشىمىغان قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما، جازالانغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە دوستلىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
2012-12-13
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مائارىپنىڭ ئىچ يۈزىدە نېمىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىدىيە ۋە سىياسىي جەھەتتىن قانداق كونترول قىلىنىۋاتىدۇ؟
2012-12-12
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، «ئۇيغۇر» دېگەن نام ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ھامان خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورىست ئاتالغۇسىنى قايتا ئىشلەتمەي قالمايدۇ.
2012-12-12
يېقىندا تۇرپان شەھەر مەركىزىدىكى مەزكۇر سودا بازىرىغا ئوت كېتىپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر زور ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك ھۆكۈمەت ھېچقانداق ياردەم قىلمىغان. بەزى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بۇ خىل قوش ئۆلچەم، ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىققا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
2012-12-12
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى نۇرمۇھەممەت مۇساباي 1985-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا باشتىن ئاخىرى قاتناشقان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان ئىدى.
2012-12-12
كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېر مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى، كانادانىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى-نەكسېن تەبىئىي گاز ۋە نېفىت شىركىتىنى خىتايغا سېتىشنى تەستىقلىغانلىقىنى، ئەمما خىتايغا نۇرغۇن چەكلىمە خاراكتېرلىك شەرتلەرنى قويۇپ ئۈستۈنلۈكىنى ئېگىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2012-12-12
8-دېكابىر، ياپونىيىنىڭ شىگا ئۇنىۋېرسىتېتىدا، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ئەنگلىيە كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا «خىتاينىڭ سىياسىي ئىسلاھاتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى-ئاتالمىش ئىككىنچى قېتىملىق مىللىي سىياسەت» تېمىسىدا خەلقئارالىق بىرلەشمە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2012-12-12
تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىش كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. ھەر ئايدا بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلمەكتە.