ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-01-21
ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەر قېتىملىق چەتئەل دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ زىيارەتلىرى خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي خەلقىگە ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەت ئاتا قىلسا، يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارغا دىشۋارچىلىق ۋە دەرد-ئەلەم ئاتا قىلماقتا.
2013-01-21
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى تۈركىيىدە قۇرۇلغان ئەڭ دەسلەپكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەخپىلەر قانۇنىغا ئاساسەن، 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنى قۇرغۇچى ئەزالار يىغىنى چاقىرىلىپ، رەھبەرلىك ھەيئىتى قايتا سايلاپ چىقىلدى.
2013-01-21
شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق سايلىمى 19-يانۋار كۈنى ستوكھولىمدا بولۇپ ئۆتتى.
2013-01-21
2013-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە-تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تاقابىل تۇرۇش» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
2013-01-20
تۈركىيىنىڭ ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى كامال قىلىچدار ئوغلىنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى، ئۈرۈمچىدىكى غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا يەنە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز خاپىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.
2013-01-18
خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى بۈگۈن خىتاينىڭ 2012-يىللىق دۆلەت ئىقتىسادىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 7.8 پىرسەنت بىلەن ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2013-01-18
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزىگە پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.
2013-01-18
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلغان، تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتى، سىياسى ۋەزىيىتى شۇنداقلا مەدەنىيەت ئۆرپ - ئادەتلىرى توغرىسىدا بىر قانچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان تۈرك ئاخباراتچى تامەر ئەر يىگىت ئۇغۇزتۈرك ئەپەندى سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
2013-01-18
2013 - يىلى 1 - ئايدا شياڭگاڭ جۇڭۋېن ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن ياپونىيە كوبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ كېنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان.
2013-01-18
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر بالىلارغا قوپال مۇئامىلە قىلىش ۋە تەن جازاسى بېرىش خىتاي مەكتەپلىرىدە داۋاملىق يۇز بېرىپ تۇرىدىغان ئەھۋال بولۇپ بىز بۇ ھەقتە ئۈرۈمچىدىكى بىر مەكتەپكە تېلېفون ئۇرۇپ، ئۇ يەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان سۇن فامىلىلىك بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
2013-01-18
كۆپلىگەن پەيلاسوپلار ۋە كاتتا ئالىملار «ئىلىم ئاللاھقا باشلايدۇ» دېگەن شۇئارنى بىردەك سۆزلىمەكتە. چۈنكى ياراتقۇچىنى تونۇش ۋە كائىناتنى بىلىش پەقەت ئىلىم سايىسىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ.
2013-01-17
تۈركىيىنىڭ «بۆرىلەر ۋادىسى-تۇزاق» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان، فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى پولات ئەلەمدار ئۇيغۇرلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان چولپانلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.
2013-01-17
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىغا جايلاشقان بىرىنچى ئەركىنلىك مەركىزى دەپ ئاتالغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئورگىنىنىڭ 2013-يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
2013-01-17
رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر پويىز ۋوگزالىنىڭ بېلەت سېتىش ئورنىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتچى خادىملار خىتاي مىللىتىدىن بولغىنى ئۈچۈن پويىز بېلىتى ئېلىشقا كەلگەن ئۇيغۇرلار بېلەت ئېلىشتا تەرجىمان ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان.
2013-01-17
گوللاندىيىدىكى يېشىللار پارتىيىسى بىلەن ئىشچىلار پارتىيىسى ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرغان ۋە گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئەدلىيە ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسىدىن ئۇيغۇر ئىلتىجاچىنى قايتۇرۇش پىلانىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە قاتتىق سوئاللارنى سورىغان.