خىتاي 2030 - يىلى سۇ ئىشلىتىش خەتىرىگە دۇچ كېلىدىكەن

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان "جۇڭگو گېزىتى" نىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دۇنيا سۇ تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى مۇنداق دېگەن: "ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلىشى نەتىجىسىدە ،مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالىمۇ كۈندىن - كۈنگە ناچارلىشىپ، خىتاينىڭ ئەسلىدىلا چەكلىك بولغان سۇ مەنبەسىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى".

كەلگۈسىدىكى ئېغىر سۇ كەملىكى

نۆۋەتتە، خىتاي سۇ ئېنېرگىيىسىنىڭ 70 ٪ ئى دېھقانچىلىق يەنى ئېتىز - ئېرىق سۇغىرىش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلسە، 10 ٪ ئى مۇھىتنى ياخشىلاش خىزمىتى ئۈچۈن، 20 ٪ ئى شەھەر ۋە سانائەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.

بىراق "جوڭگو گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 25 يىلدىن كېيىن، خىتاي ئاھالىسى 16 مىلياردقا يېتىپ، شەھەر بىلەن سانائەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارى ئالاھىدە كۆپېيىدىكەن. ئۇ چاغدا پەقەت 50 ٪ سۇ دېھقانچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا تەسىس قىلىنغان يەر شارى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش ئورگىنىنىڭ مۇدىرى بىراند ئەپەندى "ھازىر شەھەر بىلەن سانائەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن 2030 - يىلىغا كەلگەندە دېھقانچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان سۇ مىقتارى زور دەرىجىدە كېمىيىشى مۇمكىن، بۇ ئاشلىققا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ" دېدى.

يەر شارى سۇ تەشكىلاتى خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال سۇ مەنبەسىگە قارىتا ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىشى كېرەك شۇنداقلا شەھەر ۋە يېزىلاردىكى سۇ ئىستىمال مەسىلىسى بىلەن تەبىئىي ئېكولوگىيە تەڭپۇڭلىغىنى ياخشى تەڭشىشى كېرەك.

براند ئەپەندىمۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ چاقىرىقىغا قوشۇلۇپ، " ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، شەھەرلەردىكى كېرەكسىز سۇلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى يەنە قايتىدىن سۇغۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ ياكى بولمىسا بىر مۇستەقىل ئورگان قۇرۇش ئارقىلىق سۇ مەنبەسىنى باشقۇرۇپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا سۇ مەنبەسىدىن تولۇق پايدىلانغىلى بولىدۇ" دېدى.

كۈنسايىن ئېشىۋاتقان سۇ ئېھتىياجى

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى پروفېسسورى براند ئەپەندى، خىتاينىڭ مۇھىت مەسىلىسى ئۈستىدە ئۇزۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ ھەتتا خىتايغا سۇ باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەكلىبىنى بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئىگىز ئىمارەتلەرگە كۆچۈپ كىرىۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ سانىمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە ئىكەن. بۇ كىشىلەر سۇغا بولغان ئېھتىياجنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ، سۇنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرگەندە سۇنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى ئەكس ئەتتۈرگىلى بولىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتايدىكى 500 دىن كۆپ دەريا - ئېقىنلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، 2000 - يىلى ئىچىدىلا بۇ دەريالار ئارىسىدىكى 60 دەريانىڭ سۈيى قۇرۇپ كەتكەن. شۇنداقلا ئۇلار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرقايسى كۆللەرنىڭ سۇ يۈزى ئورنى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە ئىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان 1100 سۇ مەنبەسىنىڭ تەخمىنەن 25 ٪ ئى ئىچىملىك سۇ ئۆلچىمىگە يەتمىگەن. خىتايدا ئاز دېگەندە 36 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان ئاھالىسى ئۆلچەمگە توشمىغان سۇ ئىستىمال قىلىدىكەن. (ئەقىدە)