بۇلغانغان سۇ ئۇيغۇر ئېلىدە 5 مىليوندىن كۆپ كىشىگە تەھدىت بولماقتا


2005.12.05

ئۇيغۇر ئېلىدە سۇنىڭ بۇلغىنىشى خېلىدىن بېرى مەۋجۇت بولىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ، بۇلغانغان سۇلارنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ھەر خىل كېسەللىكلەر بىزگە يات ئەمەس.

ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتىنىڭ يېقىندا چىقارغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا نوپۇسى ئىچىدە تەخمىنەن 6 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ ئىچىۋاتقان سۈيى ھازىرغىچە بىخەتەر ئەمەس ئىكەن. سۇنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللار بولسا، سۇدا فتور تەركىبىنىڭ ئۆلچەمدىن يۇقىرى بولۇشى ۋە سانائەتتىكى كېرەكسىز سۇ، شەھەر تۇرمۇشىدىكى پاسكىنا سۇنىڭ چىقىرىلىشى ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرى ھەم خىمىيىۋى ئوغۇتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلار بولغان. مۇشۇ سەۋەبلەردىن يېزىلاردىكى سۇ مەنبىيى بۇلغىنىپ، ئوڭايلا كېزىك شۇنىڭدەك خولېرا قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

تۇربا سۈيىنىڭ سۈپىتى بارغانسېرى ناچارلاشماقتا

ئۇيغۇر ئېلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر كىشى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يەردىكى تۇرۇبا سۇلىرىنىڭ يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان تېخىمۇ ناچارلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، تۇرۇبا سۇلىرىنىڭ سۈپىتى ناچار بولۇپ، ئىستىمال قىلغىلى بولمىغاچقا ئۇ ئۆز ئالدىغا قۇدۇق كولاپ سۇ ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تىببىي پەنلەر دوكتورى مەمەتئىمىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، سۇنىڭ بۇلغىنىشى ئاساسلىقى تەبىئىي بۇلغىنىش ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن بۇلغىنىش دەپ ئىككى خىل شەكىلدە كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇ ئىشلىرى نازارىتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، بۇلغانغان سۇلاردىن فتورلۇق سۇ، يۇقىرى ئارسىنلىق سۇ ۋە تۇزلۇق سۇلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىچكەندە سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە تېرە راكى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن سىرت، چىشنىمۇ ساغارتىۋېتىش ئەھۋالىنى پەيدا قىلىدىكەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدىكى بىر خانىم بىزگە، ئۇلار تۇرۇشلۇق بۇ رايوندا چىشى سېرىق كىشىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىنى ئېيتتى.

كىشىلەر ئۆزلىرى ئىچىۋاتقان سۇنىڭ سۈپەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ

گەرچە بۇ رايونلاردا سۇنىڭ بۇلغىنىشى بىر قەدەر ئېغىر بولسىمۇ، بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولغان. ئۇلار بۇلغانغان سۇنىڭ قانداق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەتتا فتورلۇق سۇنىڭ چىشنىڭ سارغىيىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىل ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن.

بىز تېلېفون قىلغان ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ رايوندا سۇ كەمچىللىك مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت بولغاچقا، ئۇلار پەقەت سۇ بېرىلگەنگە مەمنۇن بولۇپ، سۇنىڭ سۈپىتىگە ئانچە سۇئال قويۇشمايدىكەن.

سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر بىر قىسىم رايونلاردا پەسىل خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولسا، يەنە بىر قىسىم رايونلاردا كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ بولۇپ، قۇرغاقچىلىق ئېغىر بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ بىلەن تەمىنلەش مۇئەسسەسىلىرى ئاددىي، ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھەم تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۇ مىقدارى زور ھەجىمدە ئاشقانلىقتىن، بىر قىسىم رايونلاردىكى يېزىلاردا تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۇ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولماقتا.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا نوپۇسى سۇ بۇلغىنىش ۋە سۇنىڭ يېتىشمەسلىگىدەك چوڭ سۇ مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2003 ‏- يىلىدىكى ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 8 مىليون 823 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ تەخمىنەن 70% ئى يېزا ئاھالىسىدۇر. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.