خىتاي دۆلەتلىك مۇھىتنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پەن يۆ يېقىندا خىتايدىكى سۇ مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ھالەتكە يەتكەنلىكىنى ئېتراپ قىلدى. ئۇ سۆزىدە "بۇلتۇر 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سۇڭخۇئاجياڭ سۇيى بۇلغىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، خىتايدا يۈز بەرگەن سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلغىنىش ۋەقەلىرى 130 قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى" دەپ تەكىتلەپ، خىتايدا ھازىر ھەر 2 - 3 كۈندە دېگۈدەك بىر قېتىم سۇ بۇلغىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نۇرغۇن كارخانىلار دەريا بويىغا جايلاشقان
خىتاي دۆلەتلىك مۇھىتنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پەن يۆنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر خىتايدىكى سۇ بۇلغىنىش ۋەقەسىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىدىكى سەۋەب بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ دەريا ئېقىنلىرى ئەتىراپىغا قالايمىقان جايلاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەسىلەن، ھازىرنىڭ ئۆزىدە سۇ بويىغا جايلاشقان خىمىيە زاۋۇتلىرىنىڭ ئۆزى 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 1000 ئى چاڭجياڭ دەرياسى ئەتىراپىغا، 4000 خۇاڭخې دەريا ئېقىنى ئەتىراپىغا ۋە 2000 ئىچىملىك سۇ مەنبەسىگە ئىگە نوپۇس سانى كۆپ بولغان رايونلارغا جايلاشقان ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئەڭ يېڭى مەلۇماتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، 8 - سېنتەبىر كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يۆ ياڭ دېگەن يېرىدە، دەريا بويىغا سېلىنغان خىمىيە زاۋۇتى ۋە كىسلاتا زاۋۇتى مەزكۇر زاۋۇتلاردىن چىققان كېرەكسىز خىمىيىۋىي ماددىلارنى توغرا بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىدىن، يەرلىك خەلق ئىستىمال قىلىپ كېلىۋاتقان سۇ ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان بولۇپ، 80 مىڭدىن ئاھالىگە ئاپەت ئېلىپ كەلگەن.
ھازىرقى مەسىلە بۇلغىنىش دائىرىسىنى تارايتىش
بۇلتۇرقى سۇڭخۇاجياڭ بۇلغىنىش ۋەقەسىنى نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان نەنجىڭ خىمىيە-سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى سۈي كېشىن ئەپەندى "خىتايدا ھازىر كەڭ كۆلەمدە يۆتكىلىش خاراكتېرلىك كارخانا ۋە خىمىيە زاۋۇتلىرىنىڭ سېلىنىشى پەقەتلا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بىر ئىش. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئىشى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش" دەپ تەكىتلەپ "ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، زاۋۇتلارنى توغرا جايلارغا سېلىش مەسىلىسىلا بولۇپ قالماي بەلكى، قانداق قىلغاندا بۇلغىنىش ئاپەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قانداق قىلغاندا يۈز بېرىپ بولغان بۇلغىنىش ئاپەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى تارايتىش مەسىلىسى بولۇپ قالدى" دەپ كۆرسەتتى.
بەلگىلىمىلەرنىڭ رولى بولمىدى
مەركىزى چىڭدۇدىكى خەلق مۇھىتنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ شىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خىمىيىۋى زاۋۇتلار تۈپەيلىدىن يۈز بېرىۋاتقان بۇلغىنىش ۋەقەسىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، "بۇلغىنىش مەسىلىسىگە ئائىت بەلگىلىمىلەر بار بولغان ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى. تۆلەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن مۇھىتنى قوغداش ئۆلچىمىنىڭمۇ ھېچقانداق رولى بولمىدى. ھازىر خىتاي ئىقتىسادى تەرەققي قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرلۈك ئۆلچەمگە توشمايدىغان چوڭ - كىچىك زاۋۇتلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى. مەنچە بۇ خىل ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان ئۆلچەمسىز زاۋۇتلارنى تاقىۋىتىش كېرەك. بۇ ھەقتە ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت ئۆزى ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك. ئەگەر ھۆكۈمەت قاتتىق چارە -تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىر قىسىم زاۋۇتلارنى تاقىۋەتسە، سۇ مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا كۆپ ياردىمى بولىدۇ. يەنە كېلىپ بىر قىسىم زاۋۇتلار يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئەتىگە تاقاشماقتا. شۇڭا بۇ خىل زاۋۇتلارنى تاقاشتا، ناھايىتى كۈچلۈك ئىرادىگە كەلمىسە بولمايدۇ" دېدى.
"مۇھىتنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ شىن سۆزىدە يەنە "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن كېيىن ھەرقانداق بۇلغىنىش ۋەقەلىرىنى يوشۇرماي، ئۇنى دەرھال ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەمئىيەت نازارەت قىلىش كۈچىنىمۇ چىڭايتىش كېرەك. نازارەت قىلىش ئورگانلىرىنىڭ يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەرنى مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا دوكلات قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك، خەلق ئاممىسى ئارىسىدىكى مۇھىتنى قوغداش خادىملىرىغا زىيانكەشلىك قىلماي، ئۇلارغا يول ئېچىپ بېرىشى كېرەك" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)