خىتاي يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھادىسىنى تېزلىتىدىغان كاربون تۆت ئوكسىدى ۋە باشقا زەھەرلىك گازلارنى ئاتموسفېراغا ئەڭ كۆپ قويۇپ بېرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.
خىتاي ھۆكۈمىتى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، غەربىي جەنۇبى خىتايدا 1994- يىلى 25 مىليارد دوللارلىق سەنشيا قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ئىنشائات 2006- يىلى مايدا دەسلەپكى قەدەمدە تاماملىنىپ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر قۇرۇلۇشىنى 2008- يىللىق ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن پۈتۈنلەي تاماملاپ بولۇشنى پىلان قىلماقتا ئىكەن.
ھالبۇكى، ئالىملارنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ياسىلىۋاتقان بۇ غايەت زور سۇ ئىنشائاتى ۋە مەزكۇر سۇ ئامبارلىرىغا قۇرۇلۇۋاتقان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدىن ئاتموسفېراغا تارقىلىدىغان پارنىك ئېففېكتىنى كۈچەيتىۋىتىدىغان زەھەرلىك گازلار، يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھاسىسىنى تېخىمۇ ئىغىرلاشتۇرىۋىتىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە يەنە، پاتقاق گازى ( مېتان گازى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) پارنىك ئېففېكتىنى كاربون تۆت ئوكسىدقا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە كۈچەيتىدىغان بولۇپ، مەزكۇر زەھەرلىك گاز، سۇ ئاستىدا چىرىپ كەتكەن ھايۋانات تاپلىرىدىن بۇلغانغان سۇ، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ چاقپىلىكىگە ئۇرۇلغاندا ئاجراپ چىقىپ ئاتموسفېراغا كۆتۈرۈلىدىكەن.
خىتايلار ئاتموسفېراغا زەھەرلىك گازلارنى ئەڭ كۆپ قويۇپ بېرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىللىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ئاتموسفېراغا زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىش دەرىجىسى جەھەتتە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگۈچە ئامېرىكىدىن ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
پەچىرك مەككۇلي: خىتايدىكى كۆپىنچە سۇ ئامبارلىرى پاتقاق گازىنى قويۇپ بېرىشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ
رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەردە، برازىلىيە دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى ئىۋان لىمانىڭ (Ivan Lima) تەتقىقات نەتىجىسىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، دۇنيا بۇيىچە ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىدىغان پاتقاق گازىنىڭ توققۇزدىن بىر قىسمىنى سۇ ئامبارلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
خەلقئارا دەريا تورى جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى پەچىرك مەككۇلينىڭ(Patrick McCully) ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ 50 پىرسەنتى خىتايغا جايلاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچە سۇ ئامبارلىرى پاتقاق گازىنى قويۇپ بېرىشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
پەچىرك مەككۇلي: "ئەگەر دۆلىتىڭىزدىكى سۇ ئامبارلىرى بۇلغىنىپ كەتكەن بولسا، بولۇپمۇ سۇ ئامبارلىرىغا كۆپ مىقداردا مەينەت سۇ قۇيۇلىدىغان بولسا، دېمەك شۇ سۇ ئامبارلىرىدا پاتقان گازىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ. روشەنكى خىتاي سۇ سۈپىتىنىڭ ناچارلىقى مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە" دەيدۇ.
پەچىرك مەككۇلىينىڭ قارىشىچە يەنە، گەرچە كۆمۈردىن ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىشقا قارىغاندا سۇدىن ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىش مۇھىتقا كۆپ پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا سۇ ئامبارلىرىنىڭ شۇنچە كۆپ بولۇشى يەنىلا ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىدىغان پاتقاق گازىنىڭ مىقدارىنى كۆپلەپ ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسى ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان رېئال مەسىلىلەرنىڭ بىرى
يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسى نۆۋەتتە ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان رېئال مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئالىملارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىغاندا، ئەگەر مەزكۇر ھادىسىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى كۈچەيتىۋاتقان ئاتموسفېرادىكى كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلىتىلمىگەندە، ياكى ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىدىغان زەھەرلىك گاز مىقدارىنى ئازايتمىغاندا، ئىنسانىيەت كەلگۈسىدە مۆلچەرلەش قىيىن بولغان بالايى - ئاپەتكە دۇچ كېلىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئال گور، نۆۋەتتە يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دۇنياۋىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە دىققەتكە سازاۋەر شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر.
يەر شارىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ شىمالىي مۇز ئوكيان ۋە ئانتراكتىكادىكى مۇز قاتلاملىرى ئېرىپ كەتسە، دېڭىز سۈيىنىڭ يۈزى 6 مېتىردىن ئارتۇق ئۆرلەپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان ئال گور: " ئەگەر دېڭىز يۈزى بۇنداق ئۆرلەپ كەتسە، جەنۇبىي فلورىدانىڭ كوپ قىسمى، جەنۇبى لۇئىزىيانانىڭ كۆپ قىسمى، نيۇ-يوركنىڭ مانخاتتون رايونى ۋە ياۋروپادىكى دۆلەتلەردىن گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سۇ ئاستىغا غەرق بولۇپ كېتىدۇ" دېگەن ئىدى.
ئۇ يەنە ، يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىشكە قارشى تۇرۇشتا خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭمۇ پائال قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتە ئامېرىكىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى ئۆتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
دوكتور جەيمىس خانسېن :پەقەت خىتايدىلا 250 مىليون ئادەم سۇ ئاستىدا قالىدۇ
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى تەتقىقات جەمئىيىتى گودارد ئىنستىتۇتىدىكى دوكتور جەيمىس خانسېن ئەپەندى ئا ب س تېلېۋىزىيىسىدە يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، دېڭىز بويىدىكى كۆپىنچە رايونلارنى سۇ بېسىپ كېتىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە پەقەت خىتايدىلا 250 مىليون ئادەمنىڭ ئۆي - ماكانلىرىنى تاشلاپ ياقا يۇرتلارغا چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سەنشيا بوغۇزى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتى كۆزلىگەندەك نەتىجە بېرىشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلۇش باشلانغاندىن كىيىن، بۇ رايونلارغا جايلاشقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋەيران بولغان ۋە ئائىلىلەرنى كۆچۈرۈش خىتاي ھۆكۈمىتىگە نۇرغۇن باش قېتىنچىلىق تېپىپ بەرگەن بۇ رايونلاردىكى ئامما ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق رايونلارغا سىستېمىلىق كۆچۈرۈلۈپ تارقاقلاشتۇرۇلغان ئىدى. (جۈمە)
