ئۈچ بوغۇز سۇ توسمىسىنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ

0:00 / 0:00

1992- يىلى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى قارار ماقۇللاپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى چۇڭچىڭ شەھىرى رايونى ۋە خۇبېي ئۆلكىسى چېگرىلىنىدىغان جۇغراپىيىلىك ئورۇننى توسۇپ سۇ ئامبىرى قورۇش پىلانىنى تەستىقلىغاندىن كىيىن، مەزكۇر قۇرۇلۇش 1994- يىلى 12- ئاينىڭ 1994- يىلى رەسمىي باشلانغان ئىدى.

ئۈچ بوغۇز سۇ توسمىسى نۇرغۇن مەسىلىلەرگە سەۋەب بولماقتا

خىتاينىڭ پىلانىغا قارىغاندا، بۇ قۇرۇلۇش 2009- يىلى تولۇق تاماملىنىپ 3 بوغۇز سۇ ئامبىرىغا پۈتۈنلەي سۇ تولدۇرۇلىدۇ. ھالبۇكى، سۇ يۈزىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ قۇرۇلۇش ھەققىدە ھەر خىل مۇنازىرىلەر مەيدانغا كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ ئاستىدا قىلىۋاتقان خىتاي مەدەنىي يادىكارلىقلىرى ۋە كۆچۈش پۇلىغا ئېرىشەلمىگەن يەرلىكلەر ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر، ئادەم كۆچۈرۈش كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مەسىلىسى ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر مەسىلىلەرنىڭ بىرى قىسمىدۇر.

ھازىرغا كەلگىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچ بوغۇز توسمىسىدىن پايدىلىنىپ غايەت زور مىقداردا توك ئىشلەپچىقىرىپ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە كۆمۈر قالاش ئارقىلىق ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئازلىتىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تەنقىدچىلەر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مىليونلىغان كىشىلەرنى كۆچۈرۈش ۋە قوشنا رايونلاردىكى ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇش بەدىلىگە ۋۇجۇتقا چىقىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

ئۈچ بوغۇز سۇ توسمىسى رايونىدىن يەنە 400 مىڭ ئادەم يۆتكىلىدۇ

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋىي رادىئو ئىستانسىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇچ بوغۇز سۇ ئامبىرى سۇ يۈزىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، يېڭىدىن سۇ بېسىپ كېتىش خەۋپى بار زېمىن 400 كۋادرات ئىنگلىز مىلى ياكى تەخمىنەن 1035 كۋادرات كىلومېتىرغا ھەمدە، يەنە باشقا جايلارغا يېڭىدىن يۆتكىلىدىغان ئادەم 400 مىڭغا يېتىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ھۆكۈمەت كۆچمەنلەرنىڭ كۆچۈش ۋە يېڭى جايلارغا جايلىشىش ئىشلىرىغا نۇرغۇن پۇل بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ پۇل چىرىك باشلىقلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، پۇقرالارغا تەگمىگەن.

ھازىر بۇ رايوندىن كۆچۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان فۇ شيۇڭ ئىسىملىك بىر دېھقاننىڭ ئامېرىكا ئاۋازىغا بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ئۇلارنى كۆچۈرۈشكە ۋەدە قىلغان پۇل قولىغا تەگمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ھازىر كۆچۈشكە چىقىش قىلالمايدىكەن.

توسما رايونىدىن كۆچۈرۈلگەن ئادەم 1.5 مىليوندىن ئارتۇق

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى توسما رايونىدىن ھازىرغا كەلگۈچە 1 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەملەرنى كۆچۈرۈپ بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قوشنا رايونلاردا يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان ئولتۇراق رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كىشىلەر تۇرمۇش چىقىمى يۇقىرى بولغاچقا بۇ يېڭى ئولتۇراق رايونلاردا داۋاملىق تۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ۋە نۇرغۇنلىرى باشقا يۇرتلارغا كۆچۈپ كەتكەن.

سۈنئىي كۆپەيتىلگەن نوپۇس ئۇيغۇر ئىلى تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا زور تەھدىت ھازىر ئامېرىكىدا ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈچ بوغۇز توسما رايونىغا قوشنا جايلارنىڭ نوپۇس زىچلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا خىتايلار بۇ ئارتۇق نوپۇسنى پىلانلىق ۋە ياكى پىلانسىز ھالدا ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، بۇ سۈنئىي كۆپەيتىلگەن نوپۇس ئۇيغۇر ئىلى تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا تەھدىتلەرنى سېلىپ تۇرماقتا ئىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغا كەلگىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسى 1954- يىلى 4 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، 2000- يىلىغا كەلگەندە 19 مىليوندىن ئېشىپ ئەسلىدىكىدىن 15 مىليوندىن كۆپرەك ئاشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايلارنىڭ نوپۇسى 25 ھەسسە كۆپەيگەن بولۇپ، ئەكسىچە بۇ رايوندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 2.5 ھەسسە كۆپەيگەن.

نوپۇسنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە شۇنچە تىز كۆپىيىپ كېتىشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختالغان ئوغۇز ئەپەندى، نوپۇسنىڭ سۈنئىي ھالدا كۆپىيىشى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇتۇپلىشىش ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئوغۇز ئەپەندى ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدا جەمئىيەت شۇناسلىق بۇيىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن ھاسىل قىلىنغان ئېنېرگىيىنى يېڭىلىغىلى بولىدىغان ئېنېرگىيە دېيىشكە بولمايدۇ

گەرچە ئۈچ بوغۇز سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدە ھەر خىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا مەسئۇل خادىملىرى مەزكۇر قۇرۇلۇشتىن كۆپلەپ يېڭىلىغىلى بولىدىغان ئېنېرگىيە ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاخىرقى ھېسابتا ئېرىشىلىدىغان پايدىنىڭ يەنىلا كۆپ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچ بوغۇز سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشقا مەسئۇل سۇن جىيۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ئېرىشىدىغان مەنپەئەت ئۇچرىغان زىياندىن يۇقىرى بولىدىكەن.

نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ھازىر خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينىڭ ئۈچ بوغۇز سۇ توسمىغا ئوخشاش زور كۆلەملىك سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئۇ قالدۇرىدىغان ئاسارەتلەر ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پاراكەندىچىلىك تۈپەيلى كۈچلۈك بەس-مۇنازىرىلەر مەيدانغا كېلىۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەر سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن ھاسىل قىلىنغان ئېنېرگىيىنى، ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي زىيان ۋە مۇھىتقا كەلتۈرىدىغان بۇزغۇنچىلىقى تۈپەيلى يېڭىلىغىلى بولىدىغان ئېنېرگىيە دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

ئامېرىكىدىمۇ نۇرغۇن زور كۆلەملىك سۇ ئامبارلىرى بار بولۇپ، مۇھىت مەسىلىسى تۈپەيلى ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىلىدىكى قۇرۇلۇشلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى. (جۈمە)