سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى "ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى" دەپ تەشۋىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مۈشكۈللۈكلەرگە يولۇقۇۋاتقانلىقىنى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا بىلىپ-بىلمەي، خەۋەر قىلماقتا.

"شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپ ساندىكى دېھقانلارنىڭ ئىچىملىك سۇ ۋە تېرىلغۇ سۇ مەسىلىسى ھەم ئوتلاق سۇ مەسىلىسى ھازىرغىچە ھەل بولمىغان. بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەممۇ بولمىغان. ھاشار يەنىلا داۋام قىلماقتا.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئايدىڭكۆل رايونىدىكى چىگەي بۇلاق كەنتىدە ياشاۋاتقان بەش مىڭ دېھقان سۇ مەسىلىسىگە يولۇققان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن دېھقانلار كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

بۇ ئەھۋال چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.