ئامېرىكا ئېتىپ چۈشۈرگەن سۈنئىي ھەمراھ ھەققىدىكى ئىنكاسلار

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا كونتروللۇقنى يوقاتقان بىر سۈنئىي ھەمراھىنى 2 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ، ئۇنىڭ يېقىلغۇ ساندۇقىنى پاچاقلىدى. بۇ ھەقتە ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئوخشىمىغان ئىنكاس ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلدى.

سۈنئىي ھەمراھنىڭ ھىدروزىن يېقىلغۇ ساندۇقى پاچاقلاندى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى، بەش بۇرجەك بىنانىڭ ئالەم تېخنىكىسى بىرلەشمە شىتابىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جەمس كارترايت بۈگۈن 'ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا كونتروللۇقىنى يوقاتقان، ئاپتوبۇس چوڭلۇقىدىكى چارلاش سۈنئىي ھەمراھى تىنچ ئوكيان ۋە ئاتلانتىك ئوكيانلاردىن ئىشەنچلىك ئالىي تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئىز قوغلاپ نىشانغا ئېلىنىپ بۈگۈن ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۇزانلىرى يەر يۈزىگە چۈشكەندە ئىنسانلارغا خەتەر يەتكۈزەلمىگىدەك دەرىجىگە چۈشۈرۈلگەنلىكىنى' جاكارلىدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم ئاساسەن ئالەم بوشلۇقىدىن يەر شارىغا قاراپ پەسلەۋاتقان سۈنئىي ھەمراھنىڭ 454 كىلوگراملىق گىدرازىن يېقىلغۇ ساندۇقىنىلا پاچاقلاش، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنى ئۇنىڭدىكى ھىدروگېننىڭ خەتىرىگە ئۇچراشتىن ساقلاش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ نىشان تولۇق ئورۇنلانغان.

ئۇنىڭ تۇزانلىرى ئىنسانلارغا خەتەر يەتكۈزەلمەيدۇ

ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى جەمس كارترايتنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سەزگۈر ئەسلىھەلىرى يەر يۈزىدىن 247 كىلومېتىر ئىگىزلىكتە ئېتىپ تاشلانغان بۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ گىدرازىن يېقىلغۇ ساندۇقى پارتلىغاندا ھاسىل بولغان ئوت توپچىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھاسىل بولغان قويۇق تۇماننى ئېنىق بايقىغان ۋە رەسىمگە ئالالىغان.

بۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ تۇزانلىرىنىڭ يەر يۈزىگە چۈشۈشى پەيشەنبە كۈنى، ھەتتا جۈمە كۈنىگىچە داۋام قىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ھازىرقى تۇزانلىرى بەش بۇرجەك بىنا مۆلچەرلىگەندىنمۇ ئاز. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ پارچىلىرىنى باشقا دۆلەتلەر يىغىۋېلىپ، ئۇنىڭدىكى مەخپىيەتلىكلەرنى ئوغرىلاش ئېھتىمالى بار ئىدى. ھازىر بۇنداق ئېھتىماللىق مەۋجۇت ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى زەھەرلىك ماددىلارمۇ ئىنسانلارغا خەتەر يەتكۈزەلمەيدۇ.

ئامېرىكا پلانېتلار ئارا ئۇرۇش قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بۇ قېتىم ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ھەمراھنى ئېتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ پلانېتلار ئارا ئۇرۇش قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تۇلۇق نامايەن قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك گۇمانلاندى

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىر چارلاش پاراخوتى 2 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى كەچ سائەت 10دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە، تىنچ ئوكياندىن MS-3 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا كونتروللۇقىنى يوقاتقان بىر جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاچاقلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا دۇنيادا ئۆزى ئېلان قىلغان پىلان بۇيىچە، يەنى نىشان، ۋاقىت، جاي ۋە ئوق تۈرى بۇيىچە بىر قېتىم ماھارەت كۆرسەتتى، توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سېستىمىسىنىڭ قىسقا ۋە ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇشنى سىناق قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك گۇمانلاندى.

خىتاينىڭ 'خەلق گېزىتى'مۇ ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئېتىپ ئۇنى ھەربىي مەقسەت ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەس، دېگەنلىكىنى تەنقىت قىلىپ، ئامېرىكا تېخىچە ئالەم بوشلۇقىدا ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشتىن ۋاز كەچمەيۋاتىدۇ، دەپ بايان قىلدى.

ئامېرىكا سانلىق مەلۇماتلارنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تەپسىلىي مەلۇم قىلىشى كېرەك

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، رۇسىيە بىلەن خىتاي بىرلىكتە پىلانلاپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئالەم بوشلۇقىدا ھەربىي قورال قوللىنىشنى مەنئىي قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا ئۆزىنىڭ سۈنئىي ھەمراھىنى ئاتقاندىن كېيىن، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى' ئامېرىكىنىڭ دېگەنلىرى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇ بىر قېتىم ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ھەمراھنى ئېتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى سىنىدى ۋە قابىلىيىتىنى دۇنياغا كۆز-كۆز قىلدى' دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار منىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ بولسا'جۇڭگو ھازىر ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە يەتكۈزۈۋاتقان تەسىرىگە نىسبەتەن جىددىي قاراۋاتىدۇ. ئامېرىكا بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تەپسىلىي مەلۇم قىلىشى كېرەك' دېدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گەرچە خىتاي 2007 ‏- يىلى 1 ‏- ئايدا، ئۆزىنىڭ بىر سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەم بوشلۇقىدا پاچاقلايدىغانلىقىدىن ھېچقانداق بىر دۆلەتنى خەۋەرلەندۈرمىگەن ۋە ۋەقەدىن كېيىنمۇ بۇنىڭغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ. (ۋەلى)