ئامېرىكا جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدا ئېتىپ چۈشۈرمەكچى


2008.02.14

ئامېرىكانىڭ 2007 - يىلى 13 - ئاۋغۇست گۇئامدىكى مانەۋەرىدا، ھەربى پاراخوتتىن قويۇپ بەرىلىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى. AFP Photo

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە،ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كاردىن چىقىپ يەرگە چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىدا تۇرغان بىر جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدا ئېتىپ چۈشۈرۈش قارارىغا كەلگەن.

خەۋەردە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خادىملىرىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ھازىر ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى مەزكۇر US 193 نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرمەكچى ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كاردىن چىققان سۈنئىي ھەمراھ ھازىر ئالەم بوشلۇقىدىكى كونتروللۇقىنى يوقاتقاندىن كېيىن يەر يۈزىگە قاراپ جىددىي ئىلگىرىلەۋاتقان بولۇپ، 3- ئاينىڭ باشلىرىدا يەرشارى ئاتموسفېراغا كىرىدىكەن.

مەخپىي ئىندۇكتور مەسىلىسى

ب ب س دە، ئانالىزچى ۋىسەنت دوۋننىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ھازىر ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھنى جىددىي ھالدا ئېتىپ چۈشۈرۈش قارارىغا كېلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب، بۇ سۈنئىي ھەمراھقا مەخپىي سۈرەتكە ئېلىش ئىندۇكتورى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، ئامېرىكىدا دۆلەت مۇداپىئە ئىدارىلىرى بۇ ئىلغار تېخنىكىنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمايدىكەن. بۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ چوڭلۇقى بىر دانە كىچىك ئاپتوبۇسچىلىك، ئېغىرلىقى بىر توننا ئەتراپىدا بولۇپ، 2006- يىلى دېكابىردا ئوربىتىغا چىقىرىلغان، ئالەم بوشلۇقىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي كومپيۇتېر سىستېمىسىدىن كاشىلا چىقىپ يەر يۈزى كونترول مەركىزىدە باشقۇرۇش مۇمكىنچىلىك بولماي قالغان.

شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ سۈنئىي ھەمراھنى ئېتىپ پاچاقلىۋېتىشنى توغرا تاپقان بولۇپ، ھازىر ئۇلار ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىدىكى بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مەخسۇس بۇ سۈنئىي ھەمراھنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغان.

ئەمما، بۇ ئالاھىدە ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بومبىنىڭ قايسى ئورۇندىن قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى بىز گە تېخى نامەلۇم بولغاندىن باشقا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى سۈنئىي ھەمراھ پاچاقلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ پارچىلىرىنىڭ قەيەرگە چىقىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ كونكرېتنى توختالمىغان.

سۈنئىي ھەمراھنى ئېتىپ چۈشۈرۈش بىر نازۇك مەسىلە

ئوربىتىدىكى سۈنئىي ھەمراھنى ئېتىپ چۈشۈرۈش مەسىلىسى بىر سەزگۈر مەسىلە بولۇپ، ئۆتكەن يىلى يانۋاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ كاردىن چىققان بىر ھاۋارايى سۈنئىي ھەمراھىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندىن كىيىن خەلقئارا جەمئىيەتتە جىددىي ئىنكاس قوزغىغان. مۇتەخەسسىسلەر سۈنئىي ھەمراھ پارچىلانغاندىن كىيىن پەيدا بولغان قالدۇقلار ئوربىتىدىكى باشقا ئۈسكۈنىلەرگە زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇش ۋە ئالەم بوشلۇقىدا ئەخلەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن دەپ قاراشقان ئىدى.

خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى 2007- يىلى 11- يانۋار، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويماستىنلا، مەخپىي ھالدا شىچاڭ ئالەم بوشلۇقى مەركىزىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ بىر ھاۋارايى سۈنئىي ھەمراھنى ئېتىپ چۈشۈرگەن.

س ن ن دە كۆرسىتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىدىن ياپونىيە دائىرىلىرى ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتايدىن بۇ قىلمىشىنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي سۈنئىي ھەمراھلىرىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا 1985- يىلى ئوربىتىدىن چىقىپ كەتكەن بىر سۈنئىي ھەمراھنى ئېتىپ چۈشۈرگەن

ئامېرىكا 1980 ‏- يىلىدىن باشلاپلا ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ھەمراھلارنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكا 1985- يىلى ئوربىتىدىن چىقىپ كەتكەن بىر سۈنئىي ھەمراھنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى ھازىر بۇ US 193 تىپلىق سۈنئىي ھەمراھنى پاچاقلىغاندا باشقا سۈنئىي ھەمراھلارغا زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشقا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.