سېناتور جان كېل، خىتاينىڭ سۇنئىي ھەمراھغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئامېرىكىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خەتەرلىك بىر ھەرىكەت دەپ تەكىتلەۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي نىڭ ئالدىنئالا تەييارلىقى
جان كېل 29 - يانۋار كۈنى ۋاشىنگتوندا مىراس فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلىپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، ئالەم بوشلۇقىنىڭ ھەربىيلەشتۈرۈلۈشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىلىدىغان قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، دېدى. سۆزىدە، كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىقنى ياقلايدىغان قۇرۇق سۆزلىرىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كېتىپ بارىدۇ دەپ تەكىتلىگەن جۇمھۇرىيەتچى سېناتور مۇنداق دەيدۇ:
"خىتاينىڭ ھەربىي ئىدىيىسى ۋە بۇ ھەقتە يېزىلغان ماتېرىياللار، خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقىنىڭ قوراللاردىن خالى بولۇشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەكسىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن مەسىلىسىدە چىقىدىغان بىر توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەربىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە كۈچەيتىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدۇ".
ئالەم بوشلۇقى بىخەتەرلىكىنى ئامېرىكا مىللىي مەنپەئەتىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسىمى دەپ كۆرسەتكەن سېناتور جان كېل، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ پۈتۈن ھەرىكەتلىرىدە سۈنئىي ھەمراھغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەربىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ئامېرىكىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە تەھدىت قىلىدىغان بىر ھەرىكەت دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكا خىتايغا قاتتىق قول بولالمايۋاتىدۇ
سۆزىدە، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتىكى مەشغۇلىيىتى ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان مۇرەككەپ مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا كېرەكلىك قاتتىق تەلەپپۇزدا جاۋاب قايتۇرالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن سېناتور كېل مۇنداق دېدى:
"چۈنكى بىز، خىتاي بىلەن بىرلىكتە قىلماقچى بولغان تىجارەت قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلار بار. ئىران ۋە كورىيە مەسىلىلىرىدە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت خىتاينىڭ ياردىمىگە موھتاج. بۇ مەسىلىلەر ھۆكۈمەتنىڭ مەن ئارزۇ قىلغاندەك خىتاينى تەنقىد قىلىپ، خىتايغا قارشى قاتتىق بىر پوزىتسىيىدە بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ".
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش تېخنىكىسىنى ئامېرىكىدىن ئالغان ياكى ئالمىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنلىرى تەشكىللىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن سېناتور جان كېل، خىتاينىڭ بۇنداق ئىلغار قوراللار ياساپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىن خىتايغا بولغان تېخنىك ئېكسپورتىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك، دېدى.
بۇ ھەممە دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم بىر مەسىلە
سېناتور جان كېل، مىراس فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ تەسىرى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېغىندا قىلغان سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ پەقەت ئامېرىكا ئۈچۈنلا ئەمەس، تىنچلىقنى خالايدىغان پۈتۈن دۆلەتلەر ئۈچۈن مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
"بۇنداق بىر كۈچ ھەر بىرىمىزگە تەھدىت قىلىدۇ. بۇ پەقەت ھەربىيلەرگە قارىتىلغان تەھدىت ئەمەس، يان فونلىرىمىزدىن تارتىپ، تېلېۋىزىيىدە كۆرۈۋاتقان پروگراممىلىرىمىز ھاۋارايى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر قاتارلىق ھەممە نېمىگە قارىتىلغان تەھدىت ھېسابلىنىدۇ. ھەممە نېمە سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسىغا قاراشلىق بولۇپ قالغان بۈگۈنكى دۇنيامىزدا، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ بۇ تېخنىكىغا خەۋپ كەلتۈرىدىغان كۈچگە ئىگە بولۇشى ھەممىمىزنى ئەندىشىگە سېلىشى كېرەك ". (قانات)