خىتاي 2007 - يىل 11 - يانۋار كۈنى سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قورال سىناق قىلدى. بۇ سىناق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوربىتىدا ئايلىنىپ تۇرۇۋاتقىلى يەتتە يىل بولغان فېڭيۈن 1- c بەلگىلىك ھاۋارايى سۈنئىي ھەمراھىنى 530 دېڭىز چاقىرىم ئىگىزلىكتە پارتلاتتى. خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئالەم بوشلۇقى قوراللىرىنى سىناق قىلغانلىقىنى ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، دۇنياغا " بىز تىنچلىق ئۈچۈن قوللىنىمىز" دېيىشكە باشلىدى. ئەمما سۈنئىي ھەمراھ پاچاقلانغاندىن كېيىنكى مىڭلىغان خىتاي ئەخلەتلىرى ھازىر ئالەم بوشلۇقىدا لەيلەپ يۈرىدۇ. چۈنكى خىتاي باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان تېخنىكا ئەسلىھەلىرىنى تىنچ يول بىلەن قايتۇرۇۋېلىش ياكى پارچىلىرىنى يىغىۋېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. بۇ مەسىلە ھازىر خەلقئارادا مۇنازىرە قوزغىدىلا ئەمەس، بەلكى يېڭى بورۇلۇش پەيدا قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا قورال سىناق قىلغاندىن كېيىنكى جاكارلىرى بىر-بىرىگە زىت
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئۇچۇر مەركىزى ( CDI ) ۋە ب ب س ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قورال سىناق قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ "بۇ سىناق باشقا بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغان" دەپ بايان قىلدى. خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇاڭچۇەن "بۇنداق قوراللارنى داۋاملىق سىناق قىلىدىغان پىلانىمىز يوق" دەپ جاكارلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى لى جاۋشىن 15 - فېۋرال كۈنى ياپونىيىدە "جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى تىنچلىق ئۈچۈن قوللىنىدۇ" دەپ جاكارلىدى. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا قورال سىناق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى جاكارلىرى بىر-بىرىگە زىت. ئۇلار بۇ سىناقنىڭ راستىنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يەنە قانداق يالغان ئېيتالىشى مۇمكىن؟
خىتاينىڭ "باشقا دۆلەتكە قارىتىلمىغان" دېگىنى يالغان
ئامېرىكا يەر شارى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى جوھن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ 11 - يانۋار كۈنى ئېلىپ بارغان سۈنئيى ھەمراھقا قارشى قورال سىنىقى تۇنجى قېتىملىق سىناق ئەمەس، بەلكى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى يىگىرمە نەچچە يىل ئىچىدە خىتاي 4 قېتىم سىناق ئېلىپ بېرىپ مەغلۇپ بولغان ئىدى. ئالەم بوشلۇقىدا ئامېرىكىنىڭ ئۇچۇر -ئالاقە، چارلاش، ئايرۇپىلانلارغا يۈنىلىش كۆرسىتىش، ھاۋا رايى قاتارلىق جەھەتلەردە خىلمۇ-خىل سۈنئىي ھەمراھلىرى بار. خىتاينىڭ بۇقېتىمقى سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قورال سىنىقى، رادار دولقۇنلىرىغا قارشى كاشىلا قىلىش سىنىقى قاتارلىق سىناقلىرى ھېچبولمىغاندا تەيۋەنگە قارىتىلغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. چۈنكى خىتاي تەيۋەننى ئۆزىنىڭ بىرقىسمى دەپ قارايدۇ، ئامېرىكا بولسا تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللىمىسىمۇ، ئەمما قانۇن جەھەتتىن ئەگەر تەيۋەن تاجاۋۇزغا ئۇچرىسا ئۇنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. ئامېرىكا بۇ جەھەتتە كۆپىنچە ھالدا سۈنئىي ھەمراھلاردىن پايدىلىنىشقا تايىنىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ بۇ خىل قورال سىنىقى ئامېرىكىغىمۇ قارىتىلغان.
خىتاي ئاللىقاچان رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشنىڭ ئىچىدە
ئامېرىكىدىكى "مىراس فوند جەمئىيىتى"نىڭ تەتقىقاتچىسى جوھن تاسىك ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە جاكارلىغانلىرىنى ئەسلەپ كۆرىدىغان بولساق، خىتاي ئاللىقاچان رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بىر دېڭىز پىلوتى ياپونىيە تېررىتورىيىسىدىكى سەنكاكۇ ئاراللىرىغا يېقىنلىشىپ، ئۇنى "جۇڭگونىڭ دېڭىز تەۋەلىكى" دەپ جاكارلىدى. تارىختىن بۇيان خىتاي بىلەن كورىيە چېگرىسى بولۇپ كېلىۋاتقان چاڭ بەيسەن تېغىنى "جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەۋەسىدە" دەپ جاكارلىدى. دالاي لاما تاشقى موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا، "ئەگەر تاشقى موڭغولىيە دالاي لامانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلسا، جۇڭگو تاشقى موڭغولىيىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان بارلىق تۆمۈر يول قاتنىشى ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ" دەپ جاكارلىدى... ئەگەر مۇشۇ توقۇنۇشلارنىڭ قايسى بىرى جىددىي تۈسكە كىرسە، خىتاي ئامېرىكا، ياپونىيە، غەربىي ياۋروپا، ئىسرائىلىيە، ھەتتا ھىندىستاننىڭمۇ ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ھەمراھلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى تۇرغان گەپ.
ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىىسى جەھەتتە كېلىشىم تۈزۈشى ھاجەت ئەمەس
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يازغۇچىسى جېرمۇند جەيسېنننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قورال سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىنلا، ئالەم بوشلۇقىدا قورال سىناق قىلىشنى چەكلەش توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلىشىپ، كېلىشم تۈزۈش خىيالىدا بولدى.
ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا شىتاتىدىن سايلانغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوھن كىيل ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ قالالىشىدىكى بىردىن - بىر يول دۈشمەنلەشكۈچى قوراللارنىلا ئەمەس، ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ھەمراھلارغا زەخمە يەتكۈزىدىغان ئەخلەت-توزانلاردىن ئىبارەت دۈشمەننىمۇ ئاتموسفىرادىن چەتلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. 1960 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى سۈنئىي ھەمراھلارنى پاچاقلايدىغان قوراللارنى نەچچە ئون قېتىم سىناق قىلغان، ھەتتا 1985 - يىلى سۈنئىي ھەمراھلارغا قارىتا يەر يۈزىدىن ئەمەس، بەلكى 80 مىڭ گەز ئىگىزلىكتىكى ھاۋا بوشلۇقىدىن ئاتىدىغان تېخنكىغا ئىگە بولغان ئىدى. سۈنئىي ھەمراھقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بۇنداق سىناقلار 1997 - يىلى ئامېرىكا ھەر قانداق سۈنئىي ھەمراھنى يەر يۈزىدىن لازىر نۇرى بىلەن ئەما قىلىپ قويالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولغاندا، ئاندىن ئاخىرلاشقان ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ۋەكىلى كىرىتىنانىڭ 14 - فېۋرال كۈنى جەنۋە يىغىنىدا بايان قىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى جەھەتتە سۆھبەتلىشىشى ياكى كېلىشىم تۈزۈشى ھاجەت ئەمەس. ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھلارنى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە. بەلكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇشنىڭ 2008 - يىللىق خامچوتىدىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئالەم تېخنىكىسى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاش ئۈچۈن داۋاملىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىلغان. (ۋەلى)