خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ساقتا دورىلار يامرىماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ گۇئاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە يەنە 4 نەپەر كىشى ساقتا دورا ئىشلەتكەنلىكتىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.

خىتاي شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر ساقتا دورا ئىچىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 9 غا يەتكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھاياتىدىن ئايرىلغان بۇ 9 نەپەر بىمارنىڭ ئىشلەتكەن دورىسى خاربىن چىچىخار دورا زاۋۇتىنىڭ ئۆتنى داۋالاش دورىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ھەتتا بۆرەك ۋە نېرۋا سىستېمىغا زور زىيان ئېلىپ كېلىدىغان زەھەرلىك تەركىبلەر بار ئىكەن.

مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دۆلەت زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ مەخسۇس بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مەملىكەت ئىچىدىكى دورا ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدا زور تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر 5 نەپەر مۇناسىۋەتلىك خادىم ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، سوراققا تارتىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە سۈپەتسىز دورىلارنىڭ تارقىلىشى كەڭ

خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ساقتا دورىلارنىڭ تۈرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان. مەسىلەن، يېقىندا يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خاربىن چىچىخار دورا زاۋۇتىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئەكىلىپ سېتىلىۋاتقان خىلمۇ - خىل ساقتا ئوكۇل - دورىلىرىنىڭ ئۆزىلا 90 مىڭ پارچىغا يەتكەن.

5 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى ئۈرۈمچىدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە ساقتا دورىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، بولۇپمۇ خاربىن چىچىخار دورا زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە باشلىغان ھەمدە ھازىرغا قەدەر 106 قېتىمدا يۆتكەپ كېلىنگەن 19 تۈرلۈك ساقتا دورىلار تەكشۈرۈپ تېپىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىن بېرىلىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر رايوندا سېتىلىۋاتقان ساقتا دورىلار پەقەت خاربىننىڭ چىچىخار دورا زاۋۇتىدا ئىشلەپ چىقىرىلغان دورىلارلا بولۇپ قالماي، "جىڭ لۇ" ناملىق دورا شىركىتىنىڭ دورىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپ خىزمەتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە ساقتا دورىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن، كىشىلەر دورا ئېلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالغان. بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقتا دورا مەسىلىسى ھەققىدە مەزكۇر رايوندىكى دورا نازارەت قىلىش ئىدارىسى ۋە بىر قىسىم دوختۇرخانىلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ دورا بۆلۈمى مەسئۇلى ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە ساقتا دورىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھەقىقەتەن جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقتا دورا مەسىلىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇ قەدەر ئېغىر ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ مەزكۇر دوختۇرخانىغىمۇ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

نامراتلىق ئۇيغۇرلارنى تۇيۇق يولغا باشلىماقتا

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ دورا بۆلۈمى مەسئۇلى "گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەرلەردە ساقتا دورا مەسىلىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكىدەك ئېغىر بولمىسىمۇ، جەنۇبىي رايوندىكى نامرات جايلاردا مەزكۇر مەسىلە يەنىلا ئېغىر. بىز بۇ ھەقتە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇ جايلاردا دورا ئىنتايىن كەم. بار دورىلارنىڭمۇ كۆپ ساندىكىسى ساقتا ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن. لېكىن، بىز ئۇلارغا بۇنداق دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە سۆز قىلغىنىمىزدا، ئۇلار "ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا قانداق قىلىمىز، بىزنىڭ يا پۇلىمىز بولمىسا " دەپ نارازىلىق بىلدۈردى. دېمەك ئۇ جايدىكى كىشىلەر نامراتلىقتىن دورىنىڭ شىپاسىز ياكى ساقتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا شۇنى ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ " دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)