گۇاڭجۇ جۇڭسەن ئۇنىۋېرسىتېتى 3 - دوختۇرخانا تەرىپىدىن ئىگىلىگەن ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دوختۇرخانىدا چىچىخار ئىككىنچى دورا زاۋۇتى ئىشلەپ چىقارغان باكتېرىيە ئوكۇلىنى ئىشلەتكەن 64 نەپەر بىمارنىڭ 18ئى ھاياتىدىن ئايرىلدى. خوڭكۇڭ مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن مەلۇماتلاردا ئېيتىلىشىچە، گۇئاڭجۇ شەھىرىدە ھازىر كۆپلىگەن ئادۋوكاتلار ئەدىلىيە يوللىرى ئارقىلىق، " جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم تۆلەش" پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلارغا ياردەم قىلىش قوشۇنىغا كىرگەن.
5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، خىتاي دۆلەت يېمەك -ئىچمەك ۋە دورا بۇيۇملىرى نازارەت قىلىش ئىدارىسى جىددىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدە چىچىخار ئىككىنچى دورا شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق دورىلارنى سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى توختىتىشنى شۇنداقلا ھەرقايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى دورا نازارەتچىلىك تارماقلىرىنىڭ بۇ خىل دورىلارنى تەكشۈرۈپ، پېچەتلەپ، مۇسادىرە قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ساختا دورىلارنىڭ ئېلانلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى دوختۇرخانا ۋە دورىخانىلاردىمۇ، قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ دورا بۆلۈمى مەسئۇلى مەزكۇر دوختۇرخانىغا خىتايدىكى ھەرقايسى زاۋۇتلاردىن ئەكىلىدىغان دورا تۈرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن:
"بىزنىڭ دوختۇرخانىدا ھەرقايسى دورا شىركەتلىرىدىن كەلگەن دورىلارنىڭ تۈرى بەكمۇ كۆپ. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئېتىراپ قىلغان چوڭ دورا شىركەتلىرىدىن كىرگەن. شۇڭا تەكشۈرۈش جەريانىدا، ساختا دورا بايقالمىدى. ئادەتتە چوڭ دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان دورىلار ساختا چىقمايدۇ. ساختا دورىلار پەقەت رەسمىيلەشمىگەن بىر قىسىم شەخسى دوختۇرخانىلاردا بولۇشى مۇمكىن". زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دورىخانا مەسئۇلى گەرچە يەرلىك نازارەتچىلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش جەريانىدا، مەزكۇر دوختۇرخانىدا ئىشلىتىلىۋاتقان دورا - ئوكۇللار ئارىسىدا، چىچىخار ئىككىنچى دورا زاۋۇتىدا ئىشلەنگەن ساختا دورىلارنىڭ يوق بولۇپ چىققانلىقىنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە، تۈرلۈك دورا ئېلانلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل دورىلارنىڭ كۆپ ساندىكىسىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى:
"مەسىلەن ھازىر جىگەر كېسىلىنى داۋالاش ھەققىدە بېرىۋاتقان دورا ئېلانلىرى بەكمۇ كۆپىيىپ كەتتى. ئېلان بەرگۈچىلەر بۇ ھەقتىكى دورىلارنى جىگەر كېسىلىنى داۋالاشتا، ئۇنداق شىپالىق، بۇنداق شىپالىق دەپ خۇددى ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئۈزۈل- كېسىل ساقىيىپ كېتىدىغاندەك، دورىسىنى ماختاپ ئاسمانغا چىقىرىۋىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھازىرغىچە تېخى ھېچقانداق دورا جىگەر كېسىلىنى ئۈزۈل- كېسىل ساقايتىۋىتەلمىدى"
مەسىلە پۈتۈنلەي تۈزۈلمىدە
خىتايدىكى چېغىدا ئۇزۇن يىل دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن ئامېرىكا دۆلەت سەھىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچى پاڭ يۈ بىن ئەپەندى خاربىن چىچىخار دورا زاۋۇتى ئەزەلدىن خىتايدىكى ئەڭ داڭلىق دورا زاۋۇتىنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنداق چوڭ ۋە داڭلىق زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان دورىلار ئەسلىدە ساختا بولماسلىقى كېرەكلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ، يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەردىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
"بۇ دورا زاۋۇت، يەنى خېيلۇڭجياڭ دورا زاۋۇتى خىتايدىكى دورا زاۋۇتلار ئىچىدە خېلى ياخشى ۋە خېلى داڭلىق زاۋۇتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىپ كەلگەن ئىدى. بۇندىن ئىلگىرى مەزكۇر زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان دورا مەھسۇلاتلار ناھايىتى ياخشى باھالىنىپ كەلگەن. سۈپەت جەھەتتىمۇ ناھايىتى ئۆلچەملىك ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇنداق بىر مەشھۇر دورا زاۋۇتىدا بۇ خىل ئېغىز مەسىلىنىڭ يۈز بېرىشى كىشىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. دېمەك بۇ پۈتۈنلەي تۈزۈلمە مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان. چۈنكى ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر دوختۇرخانىلاردىن دورا ئېلىشقا ئېشىنالمىغانلىقتىن، يۇقىرىنىڭ ھەرقايسى دورا زاۋۇتلىرىغا بولغان دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىش بېسىمى كۈچەيگەن. شۇنىڭ بىلەن دورا زاۋۇتلىرى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارنىڭ سۈپىتى بىلەن كارى بولمايدىغان ئەھۋال يۈز بەردى. دەل مۇشۇ سەۋەبلەردىن، تۈرلۈك ساختا ۋە ناچار سۈپەتتىكى دورىلار جەمئىيەتتە تارقىلىپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ھەتتا ھاياتىغا زور تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە". (مېھرىبان)