غەرب ئەللىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيىگە قاراتقان قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

ئامېرىكا دائىرىلىرى، لىۋاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى رەفىق خارىرىنىڭ 14 - فېۋرال سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، سۈرىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆزلىرى ئۈستىدىن چىقارغان قارارىغا ھۆرمەت بىلدۈرىشىنى تەلەپ قىلدى.

رەفىق خارىرى، ئىلگىرى پۇلدار سودىگەر بولۇپ، كېيىن بىر سىياسەتچىگە ئايلانغان. ئۇ ئۇرۇشتىن كېيىنكى لىۋاننىڭ قۇرۇلۇشىغا چوڭ ھەسسە قوشۇپلا قالماستىن، سۈرىيىنىڭ لىۋانغا كۆرسىتىۋاتقان غايەت زور بېسىم كۈچىگە قارىماستىن، لىۋاننىڭ مۇستەقىل سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە ئۆز مەيدانىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن، ۋاشىنگتون بولسا ئۇنىڭ بۇ خىل ئىرادىسىنى قوللاپ كەلگەن ئىدى.

ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى سكات ماكلېئىن، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن، قانداق قىلغاندا يات ئەلنىڭ باشقىلارنىڭ زىمىنىنى بېسىۋىلىش قىلمىشىنى ئاياقلاشتۇرۇپ، لىۋاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى رىچارد باۋچېرمۇ، سۈرىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، سۈرىيىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 15 - 59 - نومۇرلۇق قارارلىرىنى ئورۇنلاش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، مەزكۇر قاراردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان "ىۋاندىكى سۈرىيە ئەسكەرلىرىنى دەرھال چېكىندۈرۈش ۋە بارلىق خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قوللىرىدىكى قوراللارنى يىغىۋېلىش شۇنىڭدەك لىۋاننىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقىگە ئارىلاشماسلىق" قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر باياناتچى سۆزىدە يەنە "لىۋان خەلقى ئۆز سىياسىي ھوقۇقىنى چوقۇم ھېچقانداق تەھدىتكە ئۇچرىمىغان ئاساستا قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.

رەفىق خارىرى سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن مەزگىلدە، ئامېرىكا بىلەن سۈرىيىنىڭ مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك مەيدانغا كەلدى. ئامېرىكا يەنە سۈرىيىنى ساددام ھاكىميىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى سۈرىيىدە يوشۇرغانلىق قىلمىشلىرى بىلەن ئەيىپلىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2003 -يىلى، سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتا جازا يۈرگۈزۈپ، ئۇلار بىلەن بولغان بارلىق سودا ئالاقىسىنى بىكار قىلغان ئىدى.

ئوخشاشلا، رەفىق خارىرىنىڭ سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەن فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە، مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدىن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

فرانسىيە پرېزىدېنتى جاك شىراك بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، سۈيقەست بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پارتلاش ۋەقەسىنىڭ تېگى - تەكتىنى ۋە مەزكۇر پاجىئەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ھەمدە جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالاشنى تەكىتلىدى.

ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، رەفىق خارىرىنى ۋەتەنپەرۋەر زات، ئىسپانىيە خەلقىنىڭ يېقىن دوستى دەپ تەرىپلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا يەنە رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، تىنچلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئۇلۇق داھى دېگەن يۇقىرى ئۇنۋاننى بەردى.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ، ئىتالىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، رەفىق خارىرىنىڭ سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1990 -يىلى لىۋاننىڭ ئىچكى ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رەفىق خارىرى ئۇزۇن مۇددەت مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، بۇ قېتىم يۈز بەرگەن مەزكۇر پارتلاش ۋەقەسى، 15 يىلدىن بېرى يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ قەست قىلىش ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)