ئىراننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مۇھەممەد رېزا ئارېف سۈرىيە باش مىنىسىتىرى مۇھەممەد ناجى ئوتارى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ " تەھدىت" كە ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەيدانىنى بىلدۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايىس " لىۋاندا يۈز بەرگەن پاجىئە سەۋەبىدىن، سۈرىيە بىلەن ئارىمىزدا تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەر مەيدانغا كەلدى" دەپ كۆرسەتتى.
سۈرىيە خەلقئارا جەمىيەت بىلەنمۇ تىركەشمەكتە
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋالىق بېرىش يىغىنىدا، لىۋاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى رەفىق خارىرىنىڭ سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى كوندولىزا رايىس، سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارگارېت سكوبېينى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن خارىرىنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسى شۇنىڭدەك لىۋاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى. ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق مەزكۇر باش ئەلچىسىنىڭ سۈرىيىگە ھازىرچە قايتىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كوندولىزا رايىس يەنە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار مۇناسىۋىتى كومىتېتىدىكى ئەزالارغا ئامېرىكا بىلەن سۈرىيە ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ۋاشىنگتون دائىرىلىرىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ھازىر سۈرىيە ئامېرىكا بىلەن تىركىشىپلا قالماستىن، يەنە كېلىپ خەلقئارا جەمىيەت بىلەنمۇ تىركەشمەكتە - دەپ كۆرسەتتى.
سۇرىيە مەسۇل بولۇشى كېرەك
لىۋاننىڭ سابىق مىنىستىرى رەفىق خارىرى پارتلاش ھۇجۇمى بىلەن قازا قىلغاندىن كېيىن، ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتتى. رەفىق خارىرى ئىلگىرى، سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ لىۋاندىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، رەفىق خارىرى مۇشۇ سەۋەبتىن سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن بولىشى مۇمكىن.
گەرچە، ھازىرچە رەفىق خارىرىنىڭ سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنىڭ كىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، بىراق كوندولىزا رايىسنىڭ بىلدۈرىشىچە، سۈرىيىنىڭ لىۋانغا كۆرسەتكەن كۈچلۈك تەسىرى تۈپەيلى، لىۋاندا يۈز بېرىۋاتقان مۇقىمسىزلىقلارنىڭ ھەممىسىگە سۈرىيە مەسئۇل بولىشى كېرەك ئىكەن.
سۈرىيە تەرەپ، بۇ قېتىم يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئامما كۆپلىگەن لىۋانلىقلار رەفىق خارىرىنىڭ ئۆلۈمىنى سۈرىيىلىكلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىران – سۇرىيە دوستلۇقى كۈشەيدى
ئىران دائىرىلىرى سۈرىيە بىلەن بىر مەيداندا ئورتاق ھەمكارلىشىپ، كەلگۈسى جەڭ ۋە تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ئوخشاشلا ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچرىدى.
ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە، ئىراننى يادرو قوراللىرىغا ئېرىشمەكچى بولغانلىقى بىلەن ئەيىپلەپ، سۈرىيىنى بولسا تېرورچىلارغا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى. ئامېرىكا تەرەپ يەنە، دەمەشىقنى لىۋاندا ئەنسىزلىك پەيدا قىلدى دەپ قارىماقتا.
بىراق نۆۋەتتە ئىران، ئۆزلىرىنىڭ ئاللىقاچان تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىنى، ھەر قانداق ۋاقىتتا تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇپ، سۈرىيىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
خارىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەلىپى
بۇ ئارىدا، سابىق مىنىستىر رەفىق خارىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، خەلقئارا جەمىيەتتىن خارىرىنىڭ سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى.
رەفىق خارىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، مەزكۇر سۈيقەست ۋەقەسىنىڭ نىشانى لىۋاننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىتتىپاقلىقىغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئەرەپ ۋە خەلقئارا جەمىيەتتىن قاتىلنىڭ قايسى تەشكىلاتقا تەۋە بولىشىدىن قەتئى نەزەر، بۇ جىنايەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەشەببۈس قىلدى.
لېكىن، لىۋان ھۆكۈمىتى ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرگە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ مەزكۈر دىلونى تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لىۋاننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، مەزكۇر دىلونى تەكشۈرۈشتە سۈرىيە دىلو تەكشۈرۈش خادىملىرىغا، پەقەت شىۋىتسارىيە مۈتەخەسسىسلىرىنىڭ ھۈجەيرە قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق بىر قىسىم كىشىلەر، سۈرىيىنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، دىلو خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋىتىدىغانلىئىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
ئامېرىكا ۋە فرانسىيىنىڭ مەزكۇر تېررورلۇق ھەرىكىتىنى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئېنىقلاپ چىقىشىنى قايتا - قايتا تەلەپ قىلىشى سەۋەبىدىن لىۋان دائىرلىرى قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە، چۈنكى لىۋاندا سىياسىي جىنايەتچىلەر سۈرۈشتە قىلىنمايدىكەن.
بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى، رەفىق خارىرىنى ھىمايە قىلغۇچىلار، ھەقىقىي جىنايەتچىنىڭ سۈرىيە دائىرىلىرى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقماسلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ئەقىدە)
