سۈرىيە كرىزىسىغا بىر ئائىلە سەۋەبچى بولدى

تەھلىلچىلەرگە كۆرە، سۈرىيە كرىزىسى تائىپىۋازلىق ياكى مەزھەپچىلىك كرىزىسى ئەمەس، بەلكى ئائىلە كرىزىسىدۇر. چۈنكى بارچە مۈشكۈلات سۈرىيىدىكى ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى ئائىلە ئەسەد ئائىلىسىدىن چىققان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سۈرىيىدىكى نامايىشچىلار ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلگەن سەپدىشىنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلماقتا. 2011-يىلى 8-ماي.
سۈرىيىدىكى نامايىشچىلار ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلگەن سەپدىشىنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلماقتا. 2011-يىلى 8-ماي.
AFP

مەلۇمكى، ئەسەد ئائىلىسى 50 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بىرى سۈرىيىدە دىكتاتورىلىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان يېگانە ئائىلە. سابىق رەئىس ھافىز ئەل ئەسەد قاتتىق قوللۇق بىلەن خەلقنى ئۇرۇپ، قىيناپ بىر قانچە ئون يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى كۆرمەستىن بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئۇنىڭ ئائىلىسى بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئەسەد ئائىلىسى كونا ۋە يېڭى ھېسابلارنىڭ جاۋابىنى بىراقلا بېرىدىغاندەك تۇرىدۇ.

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 26-مارت كۈنىدىكى سانىدا، مەشھۇر يازغۇچى تارىق ھەمىد تەرىپىدىن «سۈرىيە كرىزىسى بىر ئائىلىنىڭ كرىزىسى » دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ، خۇسۇسەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيىگە قاراتقان جازاسى بەششار ئەل ئەسەد ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ماھىر ئەسەد بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنى يوق. بەلكى ئەسەد ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى نىشان قىلغان بولۇپ، بەششار ئەل ئەسەدنىڭ ئانىسى، ئايالى ۋە بارلىق ئەر-ئايال قېرىنداشلىرىنى نىشان قىلغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، سۈرىيە كرىزىسى تائىپىۋازلىق ياكى مەزھەپچىلىك كرىزىسى ئەمەس، بەلكى نەق ئەسەد ئائىلىسىنىڭ كرىزىسىدۇر. ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جازا نىشانىنى ئەسەد ھاكىمىيىتىگىلا قاراتقانلىقى سۈرىيە ئارمىيىسىگە خەلق تەرەپتە تۇرۇش توغرىلىق بەرگەن ئىشارىتى بولۇپ، سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ خەلق بىلەن بىرلىشىپ زالىم ھاكىمىيەتكە قارشى ھەرىكەت قىلىشىنى قوللىغانلىقتۇر.»

بەششار ئەل ئەسەد كازافىيدەك ئۆلۈشنى تاللىۋالدى

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەد كازافىي، مۇبارەك، زەينىل ئابىدىن ۋە ئېلى ئابدۇللا سالىھلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن پەقەت ئىبرەت ئالمىغان. ئۇنى ئاز دەپ زەينىل ئابىدىندەك ياكى ئېلى ئابدۇللا سالىھتەك ئاسان قۇتۇلۇش ۋە ھاياتتا قېلىش يولىنى تاللىماستىن، كازافىيدەك خورلىنىپ ئۆلۈش يولىنى تاللىۋالدى. ھازىر سۈرىيىدە نامايىش باشلانغىنىغا بىر يىل تولۇپ ئېشىپتۇ. ئەمما ئەسەد ئائىلىسىدە ئازراقمۇ يۇمشاش يوق. بەلكى بارغانسېرى ۋەھشىيلىشىپ كەتتى. سۈرىيىدىكى ۋەھشىيلىكلەر لىۋىيىدىكىدىن ئېشىپ كەتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيىگە قاراتقان جازاسى سۈرىيىلىكلەرگە شۇنى دەيدۇكى، يا سۈرىيىلىك بول ياكى ئەسەد ئائىلىسى بول. زادى ئىككىسىنىڭ بىرى بول.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت