سۈرىيىنىڭ دەمەشىق، دەرئا. ھەمس، ھەما، بانياس، قامىشلى، كىسۋە شەھەرلىرىدە ئون مىڭلارچە خەلق نامايىش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ھۆررىيەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تەھلىلچىلەرگە كۆرە، سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەد تۇنىس ۋە مىسىردا پارتلىغان خەلق نامايىشلىرىدىن چۆچۈپ كېتىپ دۆلەت ئىچىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋەدىسىنى بەرگىلى خېلى ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئىسلاھات ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشمىغان. نامايىشچىلارنىڭ ئاساسلىق تەلەپلىرىدىن بىرەرسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان. پەقەت كېيىنكى ۋاقىتلاردا نامايىشچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن 1963-يىلىدىن بىرى سۈرىيىدە ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلگەن ھەربىي ھالەت قانۇنى بىلەن 1968-يىلى قۇرۇلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك مەھكىمىسى شەكلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئەمما ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولمىغان.
قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» بولىۋىيە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىگە كۆرە، بۈگۈن سۈرىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىدە «ئۇلۇغ جۈمە كۈن» نامايىشىغا چىققان ئون مىڭلارچە نامايىشچى خەلق «بىزگە ھەقىقىي ھۆررىيەت كېرەك، قۇرۇق ۋەدىلەرگە ئالدانمايمىز. ھازىرقى ھاكىمىيەتنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ نامايىش قىلغان بولۇپ، سۈرىيە ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. بۇ جەرياندا بىر قانچە كىشى يارىلانغان.
سۈرىيىلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەممار قۇربى مىسىر پايتەختى قاھىرە شەھىرىدىن قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» بولىۋىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:« سۈرىيىنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيىسى پەقەت يالغان مەلۇماتلارنى تارقىتىۋاتىدۇ. ئۇلار سۈرىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە نامايىش قىلغان خەلق ئاممىسىنى ئاز ساندىكى قۇتراتقۇچ كۈچلەر دەپ تەرىپلىمەكتە ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ھالەت بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى يېتەرلىك ھۆررىيەت دەپ تەشۋىق قىلماقتا.
50 يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋام قىلغان ھەربىي ھالەت سەۋەبلىك بىگۇناھ تۈرمىلەرگە تاشلانغان كىشىلەرنى ۋە بارلىق سىياسىي مەھبۇسلار قويۇپ بەرمەي تۇرۇپ، قەغەز ئۈستىدىلا بۇ قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىق بىر يالغانچىلىقتۇر.
سۈرىيىدە 1968-يىلى قۇرۇلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك مەھكىمىسى ئادەتتىكى خەلق مەھكىمىسىگە ئوخشىمايدىغان مەخسۇس ھەربىي مەھكىمە بولۇپ، سانسىز بىگۇناھ كىشىلەر بۇ مەھكىمىدە ئادۋوكاتسىز سوتلىنىپ تۈرمىلەردە چىرىپ تۈگەشتى، نۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىنى زىندانلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ قويىدىغان بىرەر سىياسىي ئۆزگىرىشنى كۈتۈپ ياتماقتا.
سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەد 2005-يىلىدىن بۇيان ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ۋەدە قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئىسلاھات ئېلىپ بارغىنى يوق، سۈرىيە خەلقى تەلەپ قىلغان ھۆرىيەتنى ئاتا قىلغىنى يوق.
ئۇنىڭ ئەكسىچە، بىر قانچە ھەپتىدىن بىرى تۈرمىلەرگە ئېلىنغانلار ھەددى -ھېسابسىز كۆپ بولۇپ كەتتى. يەنە بۇرۇنقىدەكلا قىيىن-قىستاقلار، يولسىز قولغا ئېلىشلار، قورقۇتۇش ۋە تەھدىت سېلىشلار داۋام قىلىپ كېلىۋاتسا، سۈرىيە ھۆكۈمىتى قانداقمۇ ئۆزىنى ئىسلاھات ئېلىپ باردۇق، خەلقنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىدۇق دېيەلىسۇن!»