سۈرىيىنىڭ ھەر تەرىپى تۈرمىگە ئايلانماقتا

سۈرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى كۇفى ئاننان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن سۈرىيىگە بارغان ۋە سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەدكە 6 ماددىلىق تەكلىپنى سۇنغان ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.03.27
suriye-namayish-yarilanghan-xelq-305.jpg ساقچىلار نامايىشچىلارنى باستۇرۇش جەريانىدا يارىلانغان كىشىلەر. 2012-يىلى 9-فېۋرال، سۈرىيە.
AFP

ئاخىرقى خەۋەرلەردە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كۇفى ئانناننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە نامايىشچىلارغا قارشى كۈچ قوللىنىشنى توختىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما سۈرىيىدىكى ئۆلتۈرۈشلەر ۋە باستۇرۇشلار شۇ بويىچە داۋام قىلماقتا ئىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئوكاز» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 27-مارت كۈنىدىكى سانىدا، «سۈرىيىنىڭ ھەممە جايلىرى تۈرمىلەرگە ئايلىنىپ بولغان. 24 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ سۈرىيىدىن سىرتقا چىقىشىنى مەنئى قىلغان، ھەر تەرەپتە تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش ۋە بومباردىمان قىلىشلارنى ئەۋجىگە چىقارغان، ھەتتا مەكتەپ-مەدرىسىلەر، توپ ئوينايدىغان زاللار ھەممىسى تۈرمىلەرگە ئايلىنىپ بولغان. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە سۈرىيە ھاكىمىيىتىدىن قانخورلۇقتىن باشقا نېمىنى كۈتكىلى بولسۇن؟» دەپ يېزىلغان.

بەششار ئەل ئەسەد چوتنى خاتا سوقۇۋاتىدۇ

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەد ئەسلىدە چوتنى خاتا سوقۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇ خۇددى ئاتىسىدەك، خەلقنى باستۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈش بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ ۋە سۈرىيىنى تىنچىتقىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنىڭ پىلانلىغانلىرىنىڭ تامامەن ئەكسىچە بولۇۋاتماقتا. بۇ ھاكىمىيەت ئۆزىدىكى ئىشەنچنى ئاللىبۇرۇن يوقىتىپ قويغان. شۇڭا ئۇلار بىر تەرەپتىن ھەدەپ رۇسىيە بىلەن ئىراندىن قورال-ياراق يۆتكىسە، يەنە بىر تەرەپنى خەلقنى باستۇرۇشنى داۋام قىلماقتا. بەششار ئەسەد تەختتىن چۈشمىگۈچە سۈرىيە كرىزىسى ھەل بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.»

ھەمس شەھىرى پۈتۈنلەي پارتلىتىپ تاشلاندى

قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلى 2012-يىلى 27-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ كۇفى ئاننان سۇنغان تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە نامايىشچىلارغا قارشى كۈن قوللىنىشنى توختىتىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەمس شەھىرىنى بومباردىمان قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى نەق مەيداندىن كۆرسىتىلدى. بۇ ئەلۋەتتە سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇشنى تېخىچە توختاتمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سۈرىيىلىك نامايىشچىلاردىن ئەھمەد ئەلىيان «ئەل جەزىرە» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «مۇشۇ بىر كۈن ئىچىدە ھەمس شەھىرىدە 18 ئادەم ئۆلدى ۋە يۈزلەرچىسى يارىلاندى. ھازىر ھەمس شەھىرى پۈتۈنلەي خارابىگە ئايلىنىپ قالدى، بىرەرمۇ ساق بىنانى كۆرگىلى بولمايدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.