دەمەشىقتىكى ئىرانلىقلار

سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ رۇسىيىنىڭ ئەسلىھەلىرى ۋە ئىراننىڭ ئەسكەرلىرىگە تايىنىپ نامايىشچى خەلقنى باستۇرۇۋاتقانلىقى توغرىلىق خەۋەرلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاڭلىنىپ تۇرماقتا.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-08-07
Share
suriye-yaridar-305.png سۈرىيەدىكى توقۇنۇشتا يارىلانغان بىر ياش بالىنىڭ ئەھۋالى
AFP


تەھلىلچىلەرگە كۆرە، ئىران سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مىقداردا مەبلەغ ئاجراتقان ۋە نۇرغۇنلىغان ئىرانلىق ئەسكەرلەرنى ھەر خىل يوللار بىلەن سۈرىيىگە كىرگۈزۈۋەتكەن. لىۋاندىكى ھىزبۇللاھچىلارمۇ سۈرىيە خەلقىنى قىرىشتا ئەسەدنىڭ يانتايىقى بولغان. ئەمما كېيىنكى نەتىجىلەر ئىراننىڭ كۈتكىنىدەك ئەمەس، بەلكى سۈرىيە خەلقىنىڭ ئىرادىسى بۇيىچە تەرققىي قىلماقتا ئىكەن. ئەمدى ئىران بىلەن رۇسىيە سۈرىيىدىن پۇتىنى تارتالماي قالماقتا ئىكەن. چۈنكى ئەسەد ھاكىمىيىتى تۈگەشكەن بولۇپ، خەلقنىڭ ئىرادىسى غەلىبە قىلغان.

لوندوندا چىقىدىغان«ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012 - يىلى5 - ئاۋغۇست سانىدا، يازغۇچى تارىق ھەمىد تەرىپىدىن«دەمەشىقتىكى ئىرانلىقلار»دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ رەسمىي باياناتچىسى ئۆزلىرىنىڭ پايتەخت دەمەشىق شەھىرىنى پۈتۇنلەي ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان كۈننىڭ ئۆزىدە، دەمەشىقتىكى ئىران باش ئەلچىخانىسىدىن 48 نەپەر ئىرانلىقنىڭ دەمەشىق شەھىرىدە سۈرىيىلىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئىككى خەۋەر شۇنى ئېنىق چۈشەندۇرۈپ بېرىدۇكى، ئەسەد ھاكىمىيىتى دەمەشىق شەھىرىنى كونتروللۇقىمىزغا ئېلىپ بولدۇق دېگەن باياناتىدا راستچىل ئەمەس. ئىران باش ئەلچىخانىسىمۇ بەرگەن خەۋىرىدە راستچىل ئەمەس. چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز ئېلىپ قېچىلدى دېمەستىن، پۇقرالىرىمىز ئېلىپ قېچىلدى دېگەن. سۈرىيە ئوتنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، ھەر قايسى دۆلەت مەسئۇللىرى پۇقرالىرىنى سۈرىيە بارماڭلار دەۋاتقان تۇرسا، سۈرىيىگە ساياھەتچى ياكى سودىگەر قانداق بارالىسۇن؟

ئەسەد ھاكىمىيىتى يېڭىلگەنلىكىگە تەن بەرمەيۋاتماقتا

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«بۇ ئىككى خەۋەرنىڭ بىر كۈننىڭ ئىچىدە تارقىلىشى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيىنى ئەمەس، بەلكى پايتەخت دەمەشىقنىمۇ ئۆز كونتروللۇقىدا تۇتالمايۋاتقانلىقىنى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ روھىيىتىنى كۆتىرىش ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر قانچە يالغانلارنى توقۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يېڭىلگەنلىكىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، ئەسەد ھاكىمىيىتى تۈگىشىش ئالدىدا تۇرماقتا. سۈرىيىگە ئەسكەر كىرگۈزۈپ خەلقنى باستۇرغان بىرلا دۆلەت ئىران ئۆزى كىرگەن پاتقاقتىن قانداق چىقىش توغرىلىق باش قاتۇرماقتا. ئۇلار يەنە قانداق يالغانلارنى توقۇيدۇ. بۇنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كۆرىمىز.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت