167 دۆلەت خىتاينىڭ زەھەرلىك سۈت مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرمەكتە

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مانىلادىن بايان قىلىشىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ تىنچ ئوكيان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئەمەلدارى ئانتونى ھاززارد بۈگۈن فىلىپىننىڭ مانىلا شەھىرىدە، خىتايدا 22 شىركەتنىڭ زەھەرلىك مېلامىن ماددىسى قوشۇپ بالىلار يېمەكلىكى ئىشلىگەنلىكى بايقالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.09.23
sut-parash-zeherlinish-305.jpg ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

شۇنىڭ بىلەن ھازىر، خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تورى بۇيىچە 167 دۆلەت زەھەرلىك مېلامىن ماددىسى بىلەن بۇلغانغان خىتاي يېمەكلىرىنى، بولۇپمۇ بالىلار يېمەكلىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە، بۇنداق مەھسۇلاتلارنىڭ چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلمەسلىكىگە نازارەت قىلىشقا باشلىدى، دەپ جاكارلىدى.

'خىتايدا ئىشلەنگەن ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىق يېمەكلىكلەر مەسىلىسى ياپونىيىدە سىياسىي مەسىلە'

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى فۇكۇئوكا ۋىلايىتىنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقى ۋاتارۇ ئاسو خىتايدا ئىشلەنگەن يېمەكلەر ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىق، دەپ جاكارلىغان ۋە ھازىر ياپونىيىدە 47 ۋىلايەت خىتايدا ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىشەنمەيدۇ، خىتاي يېمەكلىرى ھازىر ياپونىيىدە سىياسىي مەسىلە بولۇپ قالدى، دەپ جاكارلىدى.

ھىندونېزىيە، مالايشىيا، بېنگال، ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتايدا ئىشلەنگەن سۈت مەھسۇلاتلىرى چەكلەندى

ھىندونېزىيىنىڭ سەھىيە مىنىستىرى لېلى سۇلىستوۋاتى بۈگۈن جاكارتىدا ' خىتايدا ئىشلەنگەن سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھىندۇنېزىيىدە سېتىلىشى چەكلىنىدۇ' دەپ جاكارلىدى.

مالايسىيانىڭ سەھىيە مىنىسىتىرى نوراينى ئوتمان بۈگۈن كۇالالۇمپېردا 'خىتايدا ئىشلەنگەن ئاق توشقان ماركىلىق كەنپىت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق سۈت مەھسۇلاتلىرى بۇنىڭدىن كېيىن مالايسىيادا چەكلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ خىتاي مەھسۇلاتلىرى 1999 ‏ - يىلى ھايۋاناتلاردا تارقالغان ئاقسىل كېسەللىكى سەۋەبىدىن چەكلەنگەن ئىدى، دەپ جاكارلىدى.

بېنگالنىڭ دۆلەت ئۆلچەم ئىنىستېتوتىنىڭ باشلىقى ئازمال ھۈسەيىن بۈگۈن داككادا 'خىتاينىڭ 50 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك بالىنى كېسەل قىلغان - ئۆلتۈرگەن زەھەر سۈت پاراشۇكى ۋە خىتاي ماركىسى چاپلانغان شۇنىڭغا ئوخشاش زەھەرلىك مېلامىن ۋە ياكى باشقا دېھقانچىلىقتا قوللىنىلىدىغان خېمىيىۋىي ئوغۇت قوشۇپ ئىشلەنگەن ئىنسان بۆرىكىدە تاش پەيدا قىلغۇسى ھەر قانداق يېمەكلىرىنىڭ بېنگالدا سېتىلىشى چەكلىنىدۇ' دەپ جاكارلىدى.

ۋېيتنامنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقى بۈگۈن خانۇيدا، ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق ھەممە ئۆلكە، شەھەر دائىرىلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئۇلاردىن بۇلغانغان خىتاي يېمەكلىرىنى ۋە كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان بەلكى خىتايدىن كېلىشى مۇمكىن بولغان ھەر قانداق يېمەكلەرگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىشنى، بازارغا سېلىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋېيتنامنىڭ كىمئەن يېمەك شىركىتىنىڭ باشلىقى فانتى تۇيۋەن فرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا 'خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان 'يىلى ساپ سۈت' ماركىلىق مەھسۇلاتلار ھازىر خۇزىمىن شەھىرىدە تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى' دەپ جاكارلىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، خىتايدىن زەھەرلىك مېلامىن قېتىلغان يېمەكلىكلەرنى ئىمپورت قىلغان بېنگال، بۇرۇندى، گابون، يەمەن، بېرما قاتارلىق دۆلەتلەر ھازىر مال قايتۇرۇشقا باشلىغان.

سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە ئارمان شىركىتىنىڭ بالىلار مەھسۇلاتلىرىدىن مەسىلە چىقمىغان

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا بايان قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى 9 ‏ - ئاينىڭ 21 ‏ - كۈنى 'سەنلۇ' مەھسۇلاتلىرى بىلەن كېسەل بولغان بالىلار 760، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدە 310، باشقا ئوبلاست، ۋىلايەتلەردە 450 دەپ ئېلان قىلغان. بۈگۈن بۇ سان 967 گە يەتكەن.

ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىدىن كېيىن، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى 60 تىن ئارتۇق شىركەتنى تەكشۈرگەندە، ئارمان شىركىتىنىڭ بالىلار مەھسۇلاتلىرىدىن مەسىلە چىقمىغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئارمان يېمەكلىرى بازار تېپىشقا باشلىغان ئىكەن.

سەنلۇ' مەھسۇلاتلىرى بىلەن كېسەل بولغان، ئۆلگەن بالىلار ئەمەلىيەتتە كوممۇنىست تۈزۈمىدىن ئىبارەت 'راك' كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋە ئۆلگەن

خىتايدىكى مەشھۇر سىياسىي مۇلاھىزىچى ليۇ شاۋبو ئەپەندىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇپ يېزىپ ئامېرىكىدىكى 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، ئادەمنىڭ ھاياتىغا سەل قارىلىدىغان جۇڭگودا، ئادەتتە نامەلۇم سەۋەب بىلەن ئۆلۈۋاتقان ئادەم ناھايىتى كۆپ. يېقىندا يەنە بالىلاردا بۆرەك تېشى كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغان 'سەنلۇ' ماركىلىق سۈت پاراشۇكى مەسىلىسى ئاشكارىلىنىپ چىققاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئەسلىدە بۇنداق مەھسۇلاتلارغا يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەن خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە دۆلەت كابىنتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرمەي، بەلكى مەلۇم بىر مۇئاۋىن ئەمەلدارنى جازالاپ ئىشنى يىغىشتۇرماقچى بولغان.

ليۇ شاۋبو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 'سەنلۇ' مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق بۆرەك تېشى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ۋە ئۆلگەن بالىلار ماھىيەتتە بۇنداق مەھسۇلاتلار بىلەن ئەمەس، بەلكى كوممۇنىست تۈزۈمىدىن ئىبارەت 'راك' كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋە ئۆلگەن.

'نېمە ئۈچۈن سەنلۇ شىركىتىنىڭ تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ؟'

'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا 'سەنلۇ' مەھسۇلاتلىرى مەسىلىسى ھەققىدە ئوبزور ئېلان قىلغان سۇ جەنجۈن ئەپەندى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە 'نېمە ئۈچۈن سەنلۇ شىركىتىنىڭ تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ؟' دەپ كەسكىن سوئال قويدى.

'خىتاينىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى قوللىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار'

تېبەت يازغۇچىسى ۋېسېر خانىم بۈگۈن 'يېڭى ئەسر ' ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا چاي سۈتلەپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن تىبەتلەرنى خىتاينىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى قوللىنىشتىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىردى.

ئەمەلىيەتتە زەھەرلىك سۈت پاراشۇكى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئاساسلىق مەسئۇل كىشى لى كېچاڭ ئىدى

ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان سىياسى پائالىيەتچى فاڭ جۆ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىم زەھەرلىك سەنلۇ مەھسۇلاتلىرى مەسىلىسى بىلەن دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى چاڭجاڭنى جازالىغانلىقى بىر ھېلە. خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم يەنە بىر يىلدىن كېيىن پېنسىيىگە چىقىدىغان 64 ياشلىق لى چاڭجاڭنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇپ، ئۆزى 5 ‏ - ئەۋلاد يادروسى قىلىپ بىكىتەلمىگەن، ئەمما كەلگۈسىدە 7 ‏ - ئەۋلاد يادروسى قىلىپ بىكىتمەكچى بولغان لى كېچاڭنى ساقلاپ قالماقچى بولدى.

 ئەمەلىيەتتە زەھەرلىك سۈت پاراشۇكى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئاساسلىق مەسئۇل بولۇۋاتقان كىشى كوممۇنىست پارتىيە سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، دۆلەت كابىنتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچاڭ ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.