خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئۈلگىسىنىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىي تەشۋىقات ئوبيېكتى قىلماقتا

0:00 / 0:00

بىز ئالدىنقى ھەپتىلىك ئاڭلىتىشىمىزدا مارالبېشى ناھىيىسىدىكى ئابلىز نۇرەك ئىسىملىك بىر دېھقان بوۋاينىڭ تاشلىۋېتىلگەن، ئېغىر كېسىلى بار بىر خىتاي قىز بوۋاقنى بېقىپ ھەمدە ئۇنىڭ تۇغما كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن سەككىز يىلدىن بۇيان پۈتۈن بىساتىنى، يېرىنى بارلىق ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ئەجىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىدەك ئالىيجاناپ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇرغان ھەمدە ئابلىز بوۋاي ۋە ئۇنىڭ قىزىنى زىيارەت قىلغان ئىدۇق.

بەزى ئىخلاسمەنلىرىمىز ئابلىز بوۋاينىڭ ئىش ئىزلىرى ھەققىدىكى پروگراممىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ ئاددى دېھقان ئاتىنىڭ ئالىيجاناپ مىننەتسىز ئىنسانىي مېھرى مۇھەببىتىدىن تەسىرلەنگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر تىپىك ئىنسانپەرۋەرلىك ئۈلگىسىنىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىي تەشۋىقاتىنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقىدىن نەپرەتلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز گۈلچەھرەنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.