" ئۇلۇق ئىرا" گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ شەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىن بېيجىڭغا ئەرز سۇنۇشقا بارغان خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر نەپەر ئۇيغۇر ۋەكىلى جۈمە كۈنى كەچتە، بېيجىڭ جەنۇبىي تۆمۈر يول ئىستانسىسىنىڭ جىيېشىن گۈللىدىكى چۆپلۈكتە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن 10 نەچچە يېرىگە پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
" ئۇلۇق ئىراق گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇ كىشىنىڭ ئىسىم فامىلىسى تېخى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر نەپەر كادىرى ئىكەنلىكى ھەمدە ئىلگىرى كۆپ قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ، مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنلىرىغا قاتناشقانلىقى ۋە مەركەز رەھبەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەن كىشى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.
مەزكۈر كىشىنىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭغا كېلىشى، ئۇيغۇر ئېلىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ۋاكالىتەن، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، دۆلەت كابىنتى ۋە مەركەزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارغا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلارنىڭ دۆلەت بايلىقىنى يۈتۈۋېلىشى، شەخسىي مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىۋېلىش ئەھۋاللىرى شۇنداقلا چىرىكلەشكەن ئەدلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ھەتتا يالغان دېلولارنى تۇرغۇزۇش قىلمىشلىرى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ خەلقنى ۋەھشىلەرچە باستۇرۇشى قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ناھەقچىلىكلەرنى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، خىتاينىڭ -1ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر بېيجىڭغا ئەرز سۇنۇشقا بارغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن بارغان كىشىلەرمۇ بار ئىكەن. شۇنداقلا ئۇلار ئەسلىدىكى پىلانى بويىچە يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە جوڭنەنخەي ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن.
خەۋەردە يەنە بۇ كىشىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش جەريانى تەپسىلىي يېزىلغان. ئۇنىڭدا تەسۋىرلىنىشىچە، بۇ ئۇيغۇر كىشى -24سېنتەبىر كۈنى كەچ جيېشىن گۈللۈكىنىڭ چۆپلىكىدە ئۇخلاۋاتقان بولۇپ، يول بويىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان تۆمۈر يول خادىمى كېچە سائەت 2 ئەتراپىدا بىر ئەر كىشىنىڭ " قۇتقۇزۇڭلار" دەپ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان. ھەمدە ئۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە ئالدىراپ كەلگىنىدە، ئون نەچچە يېرىگە پىچاق سېلىنغان بىر كىشىنىڭ قانغا چىلىنىپ ياتقانلىقىنى بايقىغان. ھەمدە شۇ زامان ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ئەمما خېلى بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن 6-7 دانە ساقچى ماشىنىسى نەق مەيداندا پەيدا بولغان.
گەرچە ساقچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇ كىشىنى بېيجىڭ" شۇەنۋۇ دوختۇرخانىسى" غا ئاپارغان بولسىمۇ، لېكىن قان كۆپ چىقىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي -25 سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن قازا قىلغان.
" ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە يەنە، بېيجىڭغا ئەرز سۇنۇشقا كەلگەن كىشىلەرنىڭ بۇ خەۋەردىن تولىمۇ غەزەپلەنگەنلىكى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئەرز سۇنغۇچىلارنىڭ يىغا-زارە قىلىپ، قاتىلنى ۋە بۇ سۈيقەستنى پەردە ئارقىسىدا پىلانلىغان كىشىنى قاتتىق جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى يېزىلغان. شۇنداقلا ئۇلار بۇنىڭ، ھۆكۈمەت ئەتراپلىق پىلانلىغان بىر قېتىملىق سىياسىي سۈيقەست بولۇپ، بۇنىڭغا قارا جەمئىيەتنىڭ ئادەملىرىنى ئىشقا سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بىز بۇ ۋەقە توغرىسىدا تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تېلىفون ئاچتۇق. بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، بېيجىڭ تۆمۈر يولى قاراشلىق چوڭۋېن رايونلۇق ساقچىخانا ۋە جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترەتلىرىگە تېلىفون قىلغىنىمىزدا، ئۇلار ھەممىسى بۇنىڭدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ بەزىلىرى بۇ ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلىغىنى بىلدۈرسە، يەنە بەزىلىرى بۇ ھەقتە بىر نىمە دىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىنى ئاپارغان " شۇەنۋۇ دوختۇرخانىسى" نىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى ۋە داۋالاش ئىشخانىسىغا تېلىفون قىلدۇق. ھەر ئىككىلا تەرەپ، بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغانلىقىنى ھەمدە ساقچىلارنىڭ دوختۇرخانىغا پىچاق سېلىنغان بىر كىشىنى ئەكەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. لېكىن بۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى بىلمىگەچكە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىزدەشكە ئىمكانسىز بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىز يەنە بۇ كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىغا تېلىفون قىلدۇق. گەرچە ۋاقىت پەرقى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئىشخانىلاردا ئادەم بولمىسمۇ، ئەمما تېلىفونىمىز ئۇلانغان بىر كىشى ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇ كىشىنىڭ ئېنىق سالاھىتى ۋە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتىمىز. " ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە مەلۇم بولىشىچە يەنە، -25 سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، خىتاينىڭ لىياۋنىڭ، جىياڭشى ۋە خۇبېي قاتارلىق جايلىرىدىن كەلگەن 30 نەچچە ئەرزدار، مەركەزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئولتۇرىدىغان " جوڭنەنخەي" قورۇسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، بۇ يەردىكى پوستا تۇرغۇچى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. ھەمدە ساقچىلار بۇ كىشىلەرنى دەرھال قولغا ئېلىپ ساقچى ماشىنىلىرىغا سېلىپ ئېلىپ كەتكەن. (پەرىدە )