بېيجىڭدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئەرزدارغا ئائىت مەلۇماتلار

خىتاي ھۆكۈمىتى -1 ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن ئاۋالقى يىللارغا ئوخشاش ئاممىۋى سورۇنلارغا قاراتقان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بولۇپمۇ بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى بۇ يەردىكى ئاساسلىق سودا مەركەزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاممىۋى سورۇنلارغا قاراتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ھەمدە ئاممىۋى يىغىلىشلارغا ئالاھىدە كۆز قۇلاق بولغان.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 16- نۆۋەتلىك 4- ئومۇمىي يىغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭغا ئەرز سۇنغىلى بېرىۋاتقان كىشىلەر، ساقچىلارنىڭ كۈزىتىدىغان ئاساسلىق نىشانلىرىغا ئايلاندى.

مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ئۆتكەن شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن بىر ئەرزدارنىڭ بېيجىڭ جەنۇبىي پويېز ئىستانسىسىدا ئوننەچچە يېرىگە پىچاق تىقىلغانلىق خەۋىرى ھەرقايسى مەتبۇئاتلارنىڭ دېققىتىنى تارتتى. بىز ئالدىنقى كۈندىكى پروگراممىمىزدا مۇناسىۋەتلىك ساقچى ئورۇنلىرىدىن بۇ ۋەقە توغرىسىدا ئېنىق جاۋاپ ئالالمىساقمۇ، ئەمما بېيجىڭ "شۇەنۋۇ دوختۇرخانىسى" شۇ كۈنى كەچتە ھەقىقەتەن پىچاق سانچىلغان، ئەمما ئىسمى نامەلۇم بولغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. لېكىن دوختۇرخانا بۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قايسى بۆلۈمگە يۆتكىگەنلىكىنى ئېنىقلىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز سەيشەنبە كۈنى " شۇەنۋۇ دوختۇرخانىسى" نىڭ تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان دوختۇر بىزگە شۇ كۈنى ھەقىقەتەن پىچاق يىگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇلارنىڭ بۆلۈمىگە يۆتكەلگەنلىكىنى ھەمدە ئۇنى يەنە سەيشەنبە كۈنى 3 - نومۇرلۇق كېسەلخانىغا يۆتكىگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنداقلا بىز دوختۇردىن بۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى سورىساق، دوختۇر ئۇيغۇرچە ئىسىم ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئانچە ئېنىق دەپ بېرەلمەي، تىزىم دەپتىرىگە يېزىغلىق ئىسىمنى ئوقۇپ بېرىشكە تىرىشتى. بىز ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن بۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئېنىق پەرق قىلالمىساقمۇ، ئەمما فامىلىسىنىڭ ئىبرايىم بولىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلدۇق.

بىز يەنە بۇ بىمار يۆتكەلگەن " شۇەنۋۇ دوختۇرخانىسى" نىڭ 3- نومۇرلۇق كېسەلخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ يەردىكى مەسئۇل دوختۇر ئۇلارنىڭ بۆلۈمىگە ھەقىقەتەن پىچاق سېلىنغان ئۇيغۇر بىمارنىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تېلېفون ئارقىلىق سىرتقا ئېيتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ساقچى ياكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئارقىلىق بىلىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. شۇنداقلا بۇ دوختۇرمۇ بىمارنىڭ ئىسمى ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن يادىدا تۇتالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمما تېلىفونىمىز ئۇلانغان مۇناسىۋەتلىك ساقچى ئورۇنلىرى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ، سۇئاللىرىمىزنى جاۋاپسىز قالدۇردى. ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مەركەزگە ئەرز سۇنۇشقا كەلگەن كىشىلەر بېيجىڭنىڭ مەلۇم بىر جايىدا توپلىشىپ تۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇنى ئۇلار " ئەرزدارلار كەنتى" دەپ ئاتىغان. بىز يۇقىرىدىكى خەۋەرنى تۇنجى ئېلان قىلغان " ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بىلەن ئالاقىلاشقىنىمىزدا، ئۇ بىزگە بېيجىڭدىكى " ئەرزدارلار كەنتى" دە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ باشقا جايلاردا مۆكۈنۈپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى نۆۋەتتە 1- ئۆكتەبىر مەزگىلىدىكى ئامانلىقنى قوغداش تەييارلىقىغا جىددىي تۇتۇشقا قىلىۋاتقان بولۇپ، بېيجىڭ پويېز ئىستانسىسى، يەر ئاستى تۆمۈر يولى قاتارلىق ئاساسلىق قاتناش تۈگۈنلىرىگە تېخىمۇ كۆپ چارلاش ساقچىلىرىنى قويغان. (پەرىدە )

بىر نەپەر ئۇيغۇر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بېيجىڭدا پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرۈلدى