ئالدىنقى ھەپتە ئىچىدە شۋېتسىيىدە ئىككى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بىرىش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى. بىرىنچى قېتىملىق پائالىيەت 15 نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنى شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئاياللار بۆلىمى بىلەن ياشلار بۆلىمى تەشكىللىگەن.
يەنە بىر پائالىيەت 19 - نويابىر كۈنى ئېلىپ بېرىلدى. بۇنى شۋېتسىيىدە ئۇزۇن يىللاردىن بىرى شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان شۋېتسىيە 4 دۇنيا جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مەقسىتى شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان شۋېدلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ- ئادىتى ۋە بۈگۈنكى كىشلىك ھوقۇق ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرماقچى ئىكەن. 4 دۇنيا جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى قەيسەر ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى زامان تارىخىدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنكى كىشلىك ھوقۇق ئەھۋاللىرىغىچە تەپسىلى مەلۇمات بىرىپ ئۆتتى.
پائالىيەتتىن كىيىن 4 دۇنيا جەمئىيىتىنىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
سىلەرنىڭ بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرشىڭلاردىكى ئاساسى مەخسىتىڭلار نېمە؟
بىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە باشقا ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى توپلاش. بۇ ئارقىلىق بىز ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كەڭ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش.
سىلەر قاچانلاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا قىزىقىپ قالدىڭلار؟
مەن 4 دۇنيا جەمئىيىتىدە ئىشلەۋاتقىلى بىر قانچە يىللار بولدى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بىرىش بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى. بۇرۇن بىز سېۋېن ھېدىن، گۇننار يارىڭ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇغان بولساق كېيىنچە شۋېتسىيىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار كىلىپ يەرلەشتى. بىزنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشۇش ۋە ئۇلار ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش پۇرسىتىمىزمۇ بارغانچە كەڭ بولدى. مىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇشۇم خېلى بۇرۇنلا باشلانغان.
4 دۇنيا جەمئىيىتىنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانداق ئىشلارنى قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟
بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز ئانچە چوڭ جەمئىيەت ئەمەس. شۋېتسىيىدە 400 چە ئەزالىرىمىز بار. بىزنىڭ خىزمىتىمىز 4 دۇنياغا مەنسۇپ بولغان بىر قىسم خەتەر ئاستىدا قالغان مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خىزمەتلىرىمىزمۇ ئاشۇ ئومومى خىزمەتلىرىمىزنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولىدۇ.
