
ئامېرىكىنىڭ گۇانتانامو تۈرمىسىنى تاقاشنى ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىزچىل تەلەپ قىلپ كەلمەكتە. شۋېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە گۇانتانامو تۈرمىسىنى تاقاشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ كىلىۋاتقان دۆلەتلەرىڭ بىرى. بۇ مەسىلە شۋېتسىيىنىڭ ئاخباراتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ شۋېتسىيە پۇقرالىرىنىڭ قىزىقىشىنى ۋە نارازلىقىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرگە ئايلانغان.
بۈگۈن 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكگولمدىكى سېرگىل مەيدانىغا يۈزلىگەن كىشىلەر يىغىلىپ ئامېرىكىنىڭ گۇانتانامودىكى تۈرمىسىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىپ نارازلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. بۇ قېتىقى نامايىشنى شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى مۆتىدىل پارتىيە ھېساپلانغان يېشىللار پارتىيىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا شىۋېتلار، ئابىغانلار، ئىرانلىقلار، ئىراقلىقلار بوسىيەنىكلەر، پەلەستىنلىكلەر، ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلار بولۇپ شۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 15 تىن ئارتۇق ھەر خىل پارتىيە ۋە تەشكىلاتنىڭ ئادەملىرى قاتناشقان.
مەقسىتىمىز ئامېرىكىنىڭ گۇانتانامو تۈمىسىنى تاقىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش
نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان بىر خانىم زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ بۇنداق دەيدۇ:
"بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئامېرىكىنىڭ گۇانتانامو تۈمىسىنى تاقىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئۇ يەردە ئامېرىكا ھەربى سوتى تەرىپىدىن بىگۇناھ دەپ قارالغان نۇرغۇن گۇناھسىز ئىنسانلار قامىلىپ ياتىدۇ. بىز بۈگۈن سائەت 12 دىن باشلاپ بۇ مەيداندا نامايىش قىلىپ، سائەت 1دە ئامېرىكا كونسۇلىنىڭ ئالدىغا بارماقچى. نامايىش 3 سائەت، سائەت 3 لەر بىلەن ئاياقىلىشىدۇ. بۈگۈنكى بۇ نامايىشقا شۋېتسىيە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 15 ئارتۇق تەشكىلات خادىملىرى قاتانشقاندىن سىرت مۇخبىرلار، يازغۇچىلار ۋە بىر قىسىم ئادەلەتنى سۆيىدىغان خالىس ئىنسانلار قاتناشتى".
بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشقانلار گۇانتانامو تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلار كىيىدىغان جۇزىرەڭ كىيىمنى كىيىپ ئالدىغا گۇانتانامو تۈرمىسىنىڭ تاقىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان شۇئارلارنى يېزىۋالغان ۋە قوللىرىغا ھەرخىل ئامېرىكىغا قارشى چوڭ خەت تاختىلىرىنى كۆتىرىۋالغان.
نامايىشتىكى ئۇيغۇرنىڭ ئارزۇلىرى
بۈگۈنكى نامايىشقا بۇلاردىن سىرت بىر قىسىم شىۋېتسىيە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان، بىراق بۇلار شۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر جەمىيەتلىرىگە ۋاكالەتەن ئەمەس بەلكى ئۆزلىرىنىڭ شەخسى نامىدا قاتناشقان. نامايىشقا قاتناشقان بىر ئۇيغۇر قىز زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ نامايىشقا قاتنىشىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ نامايىشقا قاتنىشىش ئارقىلىق، گۇانتانامو تۈرمىسىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ تىزدىن ئەركىنلىككە چىقىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغان بۇ قىز نىمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ گۇانتانامو تۈرمىسىنى تاقاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
"ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەركىنلىكنى ۋە دېموكىراتىيەنى تەشەببۇس قىلغۇچى بىر دۆلەت بولۇشى سۈپىتى بىلەن گۇانتانامو تۈرمىسىنى تاقىشى زۆرۇر. ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارغا،بولۇپمۇ دىكتاتور ھاكىمىيەت ئاستىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكىراتىيەنىڭ تەشەببۇس قىلغۇچىسى بولۇپلا قالماي بەلكى ھەقىقىي يۇسۇندىكى قوغدۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ۋە قانۇن بويىچە دۆلەت باشقۇرىدىغان دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك.
بۇ ھەقتىكى تولۇق مەلۇماتلارنى، شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇندىن ئاڭلاڭ.