شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

2-ئاينىڭ 4-كۈنى شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سايلىمى بولۇپ ئۆتتى. سايلام ناھايتى داغدۇغىلىق ۋە دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلدى. شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاۋاز بىرىش ۋە بىلەت تاشلاش خىزمىتىگە جىددى ۋە ئەستايدىل مۇئامىلىدە بولۇپ، سايلامنىڭ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە مۇۋاپىقيەتلىك بولىشىغا كاپالەتلەك قىلدى.

سايلامغا شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سانلىقى قاتناشى. سايلام باشلىنىشتىن ئىلگىرى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ جەريانى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقلىرى بايان قىلىندى. ئاشۇ قېتىملىق باستۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شېھىد قىلىنغان قۇربانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قەتمە قۇرئان قىلىندى. . بېلەت تاشلاشتىن ئىلگىرى ھەرقايسى نامزاتلار ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن كىيىن قىلىدىغان سىياسى ۋە خىزمەت پروگراممىلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشۇپ ، ئاممىنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى. سايلامدا جەمئىيەتنىڭ رەئىسى، باش كاتىپلىقى ۋە دائىمى كومىتېتى ئەزالىرى يوشۇرۇن ئۇسۇلدا بېلەت تاشلاپ سايلاپ چىقىلدى. سايلام كەيپىياتى ناھايتى جىددى كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى. سايلامغا ھەتتا شۋېتسىيىنىڭ مەركىزىدىن يىراق شەھەرلەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلار ۋە ياشانغان بوۋاي ، مومايلارمۇ قاتناشتى.

سايلامدىن كىيىن سايلامغا قاتناشقان بىر ئەزا زىيارىتمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇگۈنكى سايلامغا بولغان كۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى. سايلامغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۆزەتكۈچىسى سالاھىيتى بىلەن قاتناشقان دىلشات رىشىت ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.