شۋېتسىيە رادىئوسى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇردى

0:00 / 0:00

شۋېتسىيە دۆلەت رادىئوسىنىڭ 9 – قانىلى 19-ئاۋغۇست كۈنى "ئىنسانلار ۋە ئېتىقاد" پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا قانداق رول ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدا رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا مەلۇمات بەردى.

سۆھبەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كۈرەش كۈسەن ئەپەندى مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە بۈگۈنكى تەقدىرى ھەققىدە سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.