شىۋىتسىيىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە يىغىن ئېچىلدى

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيىنىڭ ستوكھولم شەھىرىدە، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدە بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلغان. 200 دەك كىشى قاتناشقان بۇ يىغىننى "خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش كومىتەتى" دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭدا، فالۇڭگوڭچىلار ۋەكىلى ھەم خىتاي دېموكراتلىرى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ مۇستەبىت تۈزۈمى ھەققىدە توختالغان.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى كۈرەش كۈسەن ۋە ھەيئەت ئەزاسى قەيسەر ئابدۇرۇسۇل قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ يېقىندا رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قولغا ئالغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇندىن ئاڭلاڭ.